تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەھەر باش تېمىسىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق كۈنى «دۇنيا شەھەر كۈنى»، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا «جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدىكى خەلقئارا مۇنبەر» ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون مۇنبەرگە ۋېدىيولۇق تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.
بان كىمون تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تۇنجى دۇنيا شەھەر كۈنىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولغا شەھەر بەرپا قىلىش لايىھەسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى. مۇنبەرگە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەرلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانا رەھبەرلىرىدىن نەچچە ئون كىشى تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات شەھەرلەرنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تەرەققىيات ئىدىيىسى، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبى تەجرىبىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved