جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 29-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كىشلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تاللاش، ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالدىن ۋەزىپىسىنى بېكىتىش ھوقۇقى بار، ھەر قايسى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزنىڭ تەرەققىيات يولىنى تالاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تاللاش ھوقۇقى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى بېكىتىشتەك ئالدىنقى ۋەزىپىسى بار.
ھەر قايسى دۆلەتلەر جەمئىيەت تۇزۈمى بىلەن ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقىدىن ۋە پىر تەرەپلىمىلىك قارشىدىن ھالقىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىشتەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك . ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۆزلىشىش ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىجابىي سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تەرەققىيات ئېقىمى بىلەن تەرەققىيات يۆلىنىشگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved