رانى مۇكارجى-1978-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ۋەكىللىك كىنوفىلىملىرىدىن ‹مەن ۋە سەن›‹باندى ۋە بابولى› قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تۇنجى قېتى رول ئالغان فىلىم 1996-يىلىدىكى ھىندى تىلىدىكى ‹rajaaayegibaraat›.گەرچە بۇفىلىمنىڭ سېتىلىش قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ،ئەمما رانىنىڭ گۈزەللىكى ۋە رول ئېلىشتىكى ماھارىتى كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن رول ئالغان فىلىمى ‹GHULARM›ۋە‹دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر › ناھايتى چوڭ ئۇتۇق قازانغان . ‹دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر ›ناملىق فىلىمدە رانى نەۋرە ئاچىسى كاجول دېۋاگان ۋە شاھرۇلخان بىلەن بىرلىكتە رولغا چىققان . ھەمدە FLIMFARE.نىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداشما ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كېيىن ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان ، نەتىجىسىمۇ كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى : 拉尼·穆克赫吉
ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى : RANI MUKERJEE.
دۆلەت تەۋەلىكى: ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
كەسپى :ئاكتىيور
قىزىقىشى : ئۇسۇل ئويناش
ياقتۇردىغان فىلىمى: تىتانىك
ياقتۇردىغان ناخشا : MY HEART WILL GOON.
كىنوچىلىق ساھەسىدىكى رانى
رانى مۇكارجىنىڭ كىنو ساھەسىدىكى يولى ناھايتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ كەلگەن. رانىنىڭ بىرخىل تەبئىي پۈتۈپ قالغان ئاۋازى بار بۇلۇپ ، بۇ بىر ئارتىسقا نىسبەتەن بۇ بىر پايدىسىز ئەھۋال ھېسابلىناتتى .
رانىنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتىرلىشىدە ، 2004-يىلى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ھېسابلىندۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ‹مەن ۋە سەن › ناملىق فىلىمدە ئالغان رولى ناھايتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.ھەمدە flimfare.نىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹yuva› ناملىق فىلىمدىن كېيىن ئەڭ مۇنەۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .2005-يىلى ‹قاراڭغۇلۇق ›ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. (فىلىمدە بىر گاس ، گاچا ،ئەما قىزنىڭ رولىنى ئالغان )بۇ كىنولار باھالىغىچىلارنىڭ ۋە كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . شۇنداقلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى چولپانلىق سالاھىتىگە سەۋەبچى بولدى.
شەخسى تۇرمۇشى(ئائىلىسى)
رانى مۇكارجى ھىندىستاندىكى بىر كىنوچىلىق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ دادىسى بىر پىنسىيىگە چىققان رېژىسور، ئاپىسى ناخشىچى. ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى كاجول دېۋاگان ( بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان ).كىنوچىلىق ساھەسىدە تۇغۇلغان رانى ئائىلىسىنىڭ ئارقا كۆرىنىش ۋە ئۆزىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكى بىلەن ناھايتى ئوڭايلا كىنو ساھەسىگە كىرگەن. رانىنىڭ كىنو مەستانىللىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر تىرىشچان گۈزەل قىز بۇلۇپ ، بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ كەسىپنىڭ خىلمۇ خىل ئەگرى توقاي يوللىرىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، كىنو مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە ۋە ھىندىستان كىنو ساھەسىدە مۇنەۋەر چولپانلىق نامىنى ئالدى.
يېمەك -ئىچمەك ئادىتى
رانى ئادەتتە ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ كەلگەن. ئائىلىدە پەقەت كۆك پۇرچاق ئۇمىچى بىلەن گۈرۈچ تامىقى، سالات ۋە شورپىنىلا ئىستىمال قىلىدۇ . ئۇ ئاپىسى ئەتكەن بېلىق قورۇمىسىن يېيېشكە بەكلا ئامراق بۇلۇپ ، تېز تاماقنى ئۆزىگە يېقىن يۇلاتمايدۇ ، تېز تاماققا قارىغاندا سۇ ئىچكەننى ئەۋزەل دەپ بىلىدۇ.
رانى مۇكارجى رول ئالغان فىلىملەر :
2013-يىلى : بومباي ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى، رېژىسور : كاران چاخار
2012-يىلى : ئېزىپ قېلىش ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئامىرخان
2012-يىلى: مۇھەببەتنى تۇنۇش ،
2009-يىلى: ھېچكىم جېشكانى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ۋېدىيا باران
2009-يىلى: مۇھەببەت تورى، ھەمكارلاشقان ئارتىس : شىاشىدې كاپور
2008-يىلى : مۇھەببەتنىڭ سېھرى ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : سەئىد ئەلىخان
2007-يىلى : ماشىنا مەستانىللىرى ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : سەئىد ئەلىخان.
2007-يىلى: ئايال ساياھىتى، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئابىشخېك باچچان
2006-يىلى : مەڭگۈ خوشلاشمايمىز ، ھەمكارلاشقان ئارتىس شاھرۇلخان ، ئابىشخېك باچچان ،پېرىتى زىنتا ، ئامىتاب باچچان
2006-يىلى: دادا ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : سالمانخان ، ئامىتاب باچچان
2005-يىلى : باندى ۋە بابىلو، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئابىشخېك باچچان
2005-يىلى: قارا بوران، ھەنكارلاشقان ئارتىس : ئامىتاب باچچان
2005-يىلى: تېپىشماق ، ھەمكارلاشقان ئارتىس :شاھرۇلخان
2005-يىلى: قەھرىمان ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئامىرخان
2004-يىلى : ۋېر-زارا، ھەمكارلاشقان ئارتىس پېرىتى زىنتا ، شاھرۇلخان، ئامىتاب باچچان
2004-يىلى مەن ۋە سەن، ھەمكارلاشقان ئارتىس :سەئىد ئەلىخان
2004-يىلى : ياشلىق ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئابىشخېك باچچان
2003-يىلى : سىرلىق پوچتا يوللانمىسى ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : رانى كاپور
2003-يىلى: كونتىرول قىلىش لېنىيىسى ،
2003-يىلى: تەقدىر، ھەمكارلاشقان ئارتىس : شاھرۇلخان
2002-يىلى: دوستلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ھېرتىك روشەن، كارىننا
كاپور
2002-يىلى: توي ،
2001-يىلى: ئەخمەق، ھەمكارلاشقان ئارتىس : يانى كاپور
2001-يىلى: پەرزەنت ئىشقى ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : سالمانخان، پېرىتى زىنتا
2001-يىلى: شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : شاھرۇلخان، ئامىتاب باچچان، كاجول.
2000-يىلى : ھەي رام
2000-يىلى: ناخشىچىنىڭ تەقدىرى ،ھەمكارلاشقان ئارتىس : سالمانخان، پېرىتى زىنتا
2000-يىلى: سىزگە دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم بار، ھەمكارلاشقان ئارتىس : سالمانخان
1998-يىلى: غۇلام ، ھەمكارلاشقان ئارتىس : ئامىرخان
1998-يىلى: دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر، ھەمكارلاشقان ئارتىس شاھرۇلخان، كاجول ، سالمانخان
1996-يىلى :raja ki a ayegi baraat.
ھازىرغىچە ھىندىستان كىنو ئوسكار مۇكاپاتى دېيىلدىغان FLIMFARE.دا 13 قېتىم مۇنەۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.، دۇنيا كىنو ساھەسىدە ئۈچ قېتىم مۇنەۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان ھىندىستاننىڭ كىنو چولپىنى رانى مۇكارجىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .
(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved