تۈركىيەنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى تاركان يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يېڭى پلاستىنكىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن قاتتىق ئالدىراش بولۇپ، تۈنۈگۈن ئاخشام يېرىم كېچىگىچە ئاۋاز ئېلىش زالىدا ئىشلىدى. ئۇ سائەت بىرلەر بىلەن ئاۋاز ئېلىش زالىدىن چىققان بولۇپ، قارىماققا شۇنداق بەختلىك ھەم خوشال كۆرۈنگەن تاركان ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلارغا بىر «سۆيۈش» ئاتا قىلدى.
ئۇ ئاۋاز ئېلىش زالىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىپ تېزدىن ماشىنىغا چىقىۋىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ ئىشىكنىڭ كەينىدە بىردەم ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن تېزلا چىقىپ ماشىنىغا چىقىۋالدى، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى قەتئىي ئاچمىدى، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇردى. ئەمما مۇخبىرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قول ئىشارىسى قىلىپ، ئۇلارغا بىر «سۆيۈش» يوللىدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved