ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئەسلى نۇتۇق تېمىسى: كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ئامېرىكا چوقۇم دۇنيا مائارىپ رىقابىتىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك

 


(بۇ نۇتۇقنى ئوباما 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئورىگون ئىشتاتى خىللسبورودا ھەپتىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن)

 



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

 


ھازىر مەن ئورېگان ئىشتاتى پورتلاند شەھىرىنىڭ سىرتىدا كۆپچىلىككە نۇتۇق سۆزلىمەكچىمەن. مەن بۇ يەردە سىفىرلىق دەۋرىنىڭ باشلامچىسى ‹‹ئىنتېل›› شىركىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىم. مەن ئەمدىلا مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ قوراشتۇرۇش لىنىيەسى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، بۇ لىنىيەدە ياسالغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى ئۈستەل كومپيۇتېرىدىن ئەقلىي تېلېفونغىچە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما بۇ خىزمەتچىلەر پەقەتلا يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كومپيۇتېر ئۆزىكى ياسايدىكەن. ئۇلار بىزگە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق يارىتىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى.


نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ‹‹ئىنتېل›› شىركىتى يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىش جەھەتتە دۇنيادا باشلامچى بولۇپ كەلدى. ئەمما يەر شارى رىقابىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنتېل شىركىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە مەبلەغ سالىدىغان، زاۋۇت قۇرىدىغان ھەمدە ئامېرىكىلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىدىغان بولدى. ‹‹ئىنتېل›› شىركىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىلىق ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان. ئورېگان ئىشتاتىدا كەسىپ ئاچقانلىقى، ئارىزونا ئىشتاتىدا يېڭى زاۋۇت قۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ‹‹ئىنتېل›› شىركىتى بۇ يىل يەنە 4000 نەپەر يېڭى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

 


‹‹ئىنتېل››دەك بۇنداق شىركەت بىزنىڭ رىقابەت كۈچىمىزنى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ پەقەت چەت ئەللەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ھەمدە دۇنيا مىقىياسىدا ساتالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشىمىز دۆلىتىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا باغلىق، لېكىن بۇ ئىقتىدار مېنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىمدە نامايان بولدى. ئەمما، بىزنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشىمىز ئامېرىكىنى دۇنيادىكى سودا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش-چىقالماسلىقىمىزغا باغلىق.
كەلگۈسىدىكى ئون يىلدا، بارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەڭ يېرىمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى تەلەپ قىلىدۇ، نۇرغۇنلىرى پىشقان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا قابىلىيىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى ئامېرىكا ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش نىسبىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقىدا قالغىلى خېلى بولدى. شۇ ۋەجىدىن ئىنتېلدەك بۇنداق شىركەتلەر ئېھتىياجلىق قابىلىيەتلەرنى ھازىرلىغان ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى ياللاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئەگەر بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يېڭى كەسىپلەرنىڭ يەر شارى رىقابىتىدە غەلىبە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم يەر شارى مائارىپ رىقابىتىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكا دۇنيادىكى تەلىم-تەربىيەسى ئەتراپلىق، ماھارەتتە ئەڭ ياخشى ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ‹‹ئىنتېل››نى، يەنە بىر ‹‹گۇگېل››نى، يەنە بىر ‹‹مىكروسوفت››نى تەۋەللۇت قىلدۇرۇپ، زور مىقداردىكى ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنىڭ ياللانما ئىشچى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.


بۇ ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىكى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى. بىز ‹‹بىرىنچىلىكنى تالىشىش›› رىقابەت پائالىيىتىنى قوزغىدۇق، ئۇ پائالىيەت بىر تۈرلۈك ئىلىمىي ئۆلچەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە سەمەرىلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان.

 

بۇ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن جاۋاب ئەمەس، بەلكى ئىشتاتلىق ۋە يەرلىك مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى قوغلىشىش تىپىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسىدۇر. بىزمۇ مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ئىمكانيىتىگە ئىگە قىلىش، جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى گۈللەندۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان تەربىيەلىنىشكە ئېرىشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇلىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسم مەزمۇنى سۈپىتىدە، بىز ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېتنلار بىلەن تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا ئېھتىياجلىق بولغان كارخانىلارنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش بويىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك پىلاننى يولغا قويدۇق.


‹‹ئىنتېل›› شىركىتى بۇ شېرىكلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ يۇقىرى مائاشلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىش ئورنىغا خۇشاللىق بىلەن مەسئۇل بولالايدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق خادىملارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ‹‹ئىنتېل›› شىركىتى دائىم پۇل چىقىرىپ ئىشچىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى پورتلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيەلەپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ‹‹ئىنتېل›› شىركىتىنىڭ ئورېگان ئىشتاتىدىكى ھەر 15 نەپەر خادىمىنىڭ ئىچىدە بىر خادىمى پورتلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

 


ئەمەلىيەتتە، ‹‹ئىنتېل›› شىركىتىنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرىدىكى تىرىشچانلىقى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. بۇ شىركەت 100 مىڭ نەپەر ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا تەربىيەلەش ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۈگۈن مەنمۇ ئورېگان ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلار ‹‹ئىنتېل›› شىركىتى ئويۇشتۇرغان مەملىكەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، باھالىغۇچلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. لاۋرىيا رۇمكېر ئىسىملىك بىر قىز بىر تۈرلۈك خىمىيە تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سۇ مەنبەسىنى قوغداپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. يەنە بىر ۋاڭ يۈشى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى كۋانت فىزىكىسى نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتىكى كومپيۇتېر ئۆزىكى لايىھەلەشكە تەدبىقلىغان. بىلىش كېرەككى، ئۇلار يەنىلا پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، خالاس.


شۇ ۋەجىدىن، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىز نىسبەتەن قىيىنچىلىقتا قالدى. قىيىنچلىق مەزگىللىرىدە، كىشىلەر ناھايىتى تەبىئىي ھالدا كەلگۈسىنىڭ بىزگە نېمىلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى سورىشىدۇ. ئەمما سىز لاۋرىيا ۋە ۋاڭ يۈشىدەك ياشلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ھاياجانلانماي تۇرالمايسىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ساقلىماسلىققا باھانىمىز يوق.


بىز يېڭى ئەسىرنىڭ تەرەققىياتىغا، جۈملىدىن ‹‹ئىنتېل››دەك مۇشۇنداق چوڭ شىركەتنىڭ قالتىس خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىمىز. يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بىلەن كارخانىچىلار پۈتۈن ئامېرىكىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار يەنە بىر ‹‹ئىنتېل››نى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، ھېچبولمىغاندا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىك شىركەتلىرىنى قۇرماقتا. كېلەر ھەپتە كلېۋېلەند شەھىرىدە مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ياردەم بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىش جەھەتتە، بىزنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلماقچىمەن.


ئەمەلىيەت بىزنىڭ رىقابەتتە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق شارائىتلار، جۈملىدىن دادىل كارخانىچىلار، يېڭى كۆزقاراش ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىنىستىتۇت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بىزدە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ياشلارنىڭ بولغانلىقىدۇر. بىزنىڭ قىلىپ بېرەلەيدىغىنىمىز، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

 


بۇ ‹‹ئىنتېل››نىڭ بىزگە بەرگەن بېشارىتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىنىڭ ئۇسۇلى.

 


كۆپچىلىككە رەھمەت!



خەتكۈچلەر:
31-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek