ئىسلاندىيەدىكى بارداربۇنگا يانار تېغى پارتلاپ قالسا ياۋروپاغا قانچىلىك زىيان بولىدۇ؟

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسلاندىيەدىكى بارداربۇنگا يانار تېغىدا بىر ھەپتە ئىگلىرى جانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئىسلاندىيە ھاۋا رايى ئىدارىسى غىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى قىزىلغا ئۆستۈردى، ھەمدە بارداربۇنگا يانار تېغى ئەتراپىدا ۋاقىتلىق ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون قۇردى، لېكىن ياۋروپا ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورتى ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئىگىلىنىشچە، بارداربۇنگا يانار تېغى بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى پارتلىغان ئىكەن.


ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق-ۋاتناكۇل مۇزلۇقىدا ھەرىكىتى يەر تەۋرەش كۆپىيىپ كەتكەن، مۇز قاپلىمىسىدا كىچىك دائىرىدىكى يەر تەۋرەش نەچچە مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. ۋاتناكۇل مۇزلۇقى ئىسلاندىيەنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، بۇ مۇزلۇقنىڭ 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا ئىنتايىن چوڭ بىر يانار تاغ سىستېمىسى يوشۇرۇلغان، بارداربۇنگا يانار تېغى دەل بۇ يانار تاغ سىستېمىسىنىڭ بىر قسىمى. ئىسلاندىيە ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن قارىغاندا، يانار تاغنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقى بار، ۋولقان مۇزلۇقنى تېشىپ چىقسا، مۇزلۇقلار ئېرىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، دېدى. لېكىن يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ۋولقان نەچچە يۈز مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇزلۇقنى تېشىپ چىقالمايدۇ، ۋولقان مۇزلۇقنىڭ ئاستىدا قالىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.


ئىسلادنىيە پۇقرالارنى قوغداش مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئىسلاندىيەدىكى يانارتاغ تەتقىقات ئەترىتى 23-ئاۋغۇست چۈشتە يانار تاغنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ، تەكشۈرۈشنى باشلىدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىر يانارتاغ ھەرىكىتى يەنىلا يەر ئاستىدا ئىكەن، ۋاقتىنچە يەر يۈزىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن. خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسلاندىيە دائىرلىرى يەنىلا نارداربۇنگا يانار تېغىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون تەسسىس قىلدى، ھەمدە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، مەزكۇر رايوننىڭ ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئىگىلىنىشچە، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسى بەشكە ئايرىلىدىكەن، قىزىل رەڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇ يانار تاغنىڭ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن، ھەمدە كۆپ مىقداردا ۋولقان كۈلى چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. لېكىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ھازىچە ئىسلاندىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى، ئىسلاندىيەدىكى بارلىق ئايرودۇرۇملار نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سەۋەبلىك توختاپ قالمىدى.


ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، ئىسلاندىيە ئاۋىياتسىيە ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرىنى تەڭشىدى، دېدى. ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى ھەر 6 سائەتتە بىر قېتىم ئىسلاندىيە يانار تاغ رايونىنىڭ كۈل دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئەنگلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى: ھازىر ئىسلاندىيەنىڭ ئەھۋالى ياۋروپانىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىدى، ئەمما يانارتاغ راستىنلا پارتلىسا ئۇنى باشقىچە ئويلىشىمىز، دېدى. نۇرغۇنلىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىچىدە، پەقەت ئەنگلىيەنىڭ ۋىچىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىلا لىنىيەسىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتتى، بۇ شىركەتنىڭ لوندىن سانفىرانسېسكوغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرى ئىسلاندىيەنىڭ يانارتاغ رايونىدىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يانارتاغنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ئويجى ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كۈل تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئىسلاندىيەدە يانار تاغ كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتى جانلىق، شۇڭا ئىسلاندىيە قۇتۇپ چەمبىرىدىكى ئوت دۆلەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى يانارتاغ 200دىن ئاشىدۇ، ئۆچمىگەن يانارتاغ 40تىن 50كىچە كېلىدۇ. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2010-يىلى ئىسلاندىيەدىكى ئەيجافجاللاكۇل يانار تېغى پارتلاپ كۆپ مىقداردا ۋولقان كۈلى چىققان، شۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھاۋا تەۋەلىكىنى ئەڭ چوڭ دائىرىدە تاقىغان، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بىر ھەپتە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇ ۋاقىتتا، 10 مىڭ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان توختاپ قالغان، دۇنيادىكى 10 مىليون يولۇچى تەسىرگە ئۇچرىغان. يانارتاغنىڭ پارتلىشى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو بىۋاستە زىيان سالغان.



خەتكۈچلەر:
27-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek