دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كانادانىڭ برىتىش كولومبىيە ئۆلكىسىدە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئورمانلىققا ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ داۋاملىق كىڭەيمەكتە، ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى باشلانغان ئوت كېتىش ھادىسىسى 5 نوقتىغا كىڭەيگەن . ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت شامالنىڭ تەسىىرىدە زورايغان، بۇ ئوت ئاپىتىدە 8 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۆيۈپ كەتكەن، رايۇندىكى 5 نوقتىغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە جەمئىي 24 مىڭ گېكتار ئورمانلىق كۆيۈپ كەتتى. يېقىن ئەتراپتا ياشايدىغان 80 كىشى ئۆيلىرىدىن كۆچۈپ كەتتى. ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئوت ئاپىتىنىڭ باشقا ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى، ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن رايۇنغا ياردەم ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر رايۇندا 240 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، 11 تىك ئۇچار، 8 دانە ھاۋا شۇ ئۆچۈرۈش پاراخوتى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي ئوت ئۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved