قان شورۇغۇچى ئالۋاستى«سۇئارېز» ئاشكارا ھالدا جامائەتچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىدى

تېڭشۈن تەنتەربىيىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:


دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئۇرۇگۋاي بىلەن ئىتالىيىنىڭ مۇسابىقىسىدا «ئادەم چىشلەش» سەتچىلىكى پەيدا قىلغان ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى لۇئىز.سۇئارېز دۈشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاستىللىرى زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن ئىتالىيىلىك كىيېلىنى دىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ھەقىقەتەن كىيېلىنىنى چىشلىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن ۋە پۇتبول چوڭ ئائىلىسىدىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن» دىگەن.


سۇئارېز شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىنكى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئادەم چىشلىمىگەنلىكىنى ھەم ئۇنداق خىيالدا بولمىغانلىقىنى، شۇۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يۇقۇتۇپ بەدىننىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلقيالمىغانلىقتىن قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇۋاقىتتا مەن يۈزۈمنىڭ قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىنىڭ دولىسىغا تېگىپ كەتكەنلىكىنى ۋە چىشىمنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم دېگەن. سۇئارېزنىڭ سەبداشلىرى‹باش تېرنېرى‹توپ مەستانىللىرى‹ئاخبارات ۋاستىللىرى ھەتتا ئۇرۇگۋاينىڭ زۇڭتۇڭىمۇ سۇئارېز تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىگەن ئىدى. ئەمما خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كومىتىتى سۇئارېزنىڭ بۇ گېپىگە قەتئىي ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا سۇئارېزغا قارىتا4ئاي مۇسابىقىدىن چەكلەشتەك ئېغېر جازا بەرگەن.


خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن سۇئارېز ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتى باربى بىلەن بارسېلوناغا كەلگەن، ۋاكالەتچىسى پېرې-گۇاردىئولا›لىۋېرپول كۇلۇبىنىڭ ئادۋوكاتى ۋە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئادۋوكاتى بىرلىكتە يىغىن ئاچقان، مەقسەت بولسا سۇئارېزنىڭ بارسېلوناغا يۆتكىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. «دۇنيا تەنتەربىيىسى گىزىتى» خەۋەر قىلىپ، سۇئارېز داڭلىق ئادۋوكات كىرىسپونى تەكلىپ قىلغان ھەمدە تەنتەربىيە سوتىغا نارازىلىق ئەرىز سۇنغان. سۇئارېز بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يېڭى تېرنېرى ھېنرېك سېتىۋېلىشنى ئۈمۈد قىلىدىغان ماھىر، لىكىن بارسېلونا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان توختام ئۆزئالدىغا توختامنى بۇزۇش ھوقۇقىنى ئۆزئىچىگە ئالاتتى،ئەگەر سۇئارېز كىيىن يەنە ئادەم چىشلەپ سەتچىلىك پەيدا قىلسا چوقۇم كۇلۇبنىڭ جازاسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بارسېلونا كۇلۇبى يەنە بىر تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ سۇئارېزنىڭ جامائەتچىلىكتىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق بولغاندا ئەگەر كۇلۇپ سۇئارېزنى قوشۇۋالسا كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ تەنقىدىگە قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.


«ئادەم چىشلەش» سەتچىلىكىگە قارىتا سۇئارېز ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىيېلىنى ئۆزىنىڭ شەخسى بىلوگىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ سۇئارېزنى كەچۈرىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سۇئارېزغا چىقارغان ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشىنى ياكى يىنىكلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

" type="application/x-shockwave-flash">



خەتكۈچلەر:
02-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek