12-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلى قورۇ جاي، پايچىك، فوند ۋە جورىسى مەبلەغ سېلىپ پاي قوشقان شىركەت قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان 11 نەپەر كادىر بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.
خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلى سۆھبەت ئوبيېكتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزى، جورىسى ۋە بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆي مۈلۈك، پايچىكى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى دەلىللىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا دوكلات قىلغان مەزمۇنلارنىڭ ھەقىقىي ۋە تولۇق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، بارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق، توغرا، ھەقىقىي يازغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
11 نەپەر سۆھبەت ئوبيېكتى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى دوكلات قىلىشتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارغا تولۇق كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە ئەستايىدىل بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن تولدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، خەينەن ئۆلكىسى ھەر يىلى ئۆلكىدىكى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغان بارلىق كادىرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا قارىتا تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلى يەنە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىسىدىن يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان كادىرلار، ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلار نامزاتى تىزىملىكىگە كىرگەنلەر، مۇھىم ئورۇنلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىلىش ئالدىدا تۇرغان كادىرلار ھەمدە نۆۋەت ئالماشقان ۋاقىتتا داۋاملىق سايلىنىدىغان كادىرلار ئوبيېكتى قاتارلىقلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئېلان قىلىدىكەن. 2016-يىللىق ئىككىنچى پەسىلدە ئىختىيارىي ھالدا تاللاپ تەكشۈرۈپ دەلىللەش نىسبىتى %10 كە يەتكۈزۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، خەينەن ئۆلكىسى 1907 نەپەر كادىرغا قارىتا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىختىيارى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئىختىيارى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۆلكىلىك غوللۇق كادىر 133 نەپەر، ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى باشقارما دەرىجىلىك كادىر 695 نەپەر، نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن ئۆلكىلىك غوللۇق كادىر 238 نەپەر بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان 19 نەپەر ئۆلكىلىك غوللۇق كادىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved