شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەتىرەت باشلىقى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىش يۇلىدا 6 ئادەمنىڭ كالتەكلىشىگە ئۇچىرىغان

4-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە يۆشىيۇ رايونى نۇر مونار كۇچىسىدىكى شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىش يولىدا ئالتە ماسكا تارتىقان ئەرنىڭ تۆمۈر كالتەك بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچىرىغان ،ئۇ يارلانغاندىن كىيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ ھازىرغا قەدەر ئۆزى كارۋاتتىن چۈشۈپ ھەركەت قىلالمايدىكەن .

ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بۇرۇن ئەترەت باشلىقى تەرپىدىن تەكشۈرۈلگەن يايمىچىلارنىڭ بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا .نۆۋەتتە ، ساقچى تەرەپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ھەركەتلەنگەن.

ھۇجۇم قىلىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ‹‹تۇنۇش چىرايلار›› ،نۇر مونار كۇچىسى شەھەر باشقۇرۇش ياللانما ئەتىرىتنىڭ ئەترەت باشلىقى لىيۇۋېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) نىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچ سائەت 10دا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ قەھرىمانلار ئوتتۇرا يول بۆلىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ  ئېغزىغا كەلگەندە ئارقا مېڭىسى تۇيۇقسىز بىر كۈچلۈك كالتەكنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ ئىنكاس قايتۇرغان ۋاقىتتا جەمئى ئالتە ماسكا تاقىۋالغان ئادەمنىڭ قوللىرىدا تۆمۈر كالتەك كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ باش ، بەل قاتارلىق ئەجەللىك قىسمىغا قاتتىق ئۇرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ، قىسقىغىنا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە لىيۇۋېينىڭ باش قىسىمى يېرىلىپ يۈز كۆزى قانغا بۇيالغان ، ئېغىر يارلانغانلىقىدىن ئورنىدىنمۇ تۇرالمىغان

.‹‹ماسكىلىق ئەرلەر ››تۆت تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتكەن ئىشنى كۆرگۈچىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن لىيۇۋېي جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئارقىلىق ئاق بۇلۇت رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپېرىلىپ جىددى قۇتقۇزۋېلىنغان.

لىيۇۋېينىڭ ئېيتىشىچە قۇارشى تەرەپ ئۇنى ئۇرۋاتقاندا ئەسەبىلىشىپ ئېغزىدا ‹‹ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتەيلى ››دەپ ۋارقىرىغان .ئارىدا لىيۇۋېيمۇ بىر قانچەيلەننىڭ ئىلگىركى جوڭشەن 6-يولىدا قالايىمقان نەرسە يېيىپ ئۆزى  تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگگەن يايمىكەشلەر ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلغان .

مۆلچەرلىنىشىچە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش بىر قىسىم يايمىكەشلەر ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان  ئىكەن .

 

باش قىسىمى 12يىپلىق يامالغان يەنە ئىككى ھەپتە دوختۇرخانىدا يېتىشى كىرەك 

 

تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن گۇاڭجۇ شەھەر باشقۇرۇش ھەيئىتى  گۇاڭجۇ شەھرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان لىيۇۋېيدىن ھال-ئەھۋال سورىغان ، كىسەل كاۋىتىكى لىيۇۋېينىڭ ناھايىتى ماغدۇرسىز ، سۆزلەشكەندىمۇ ئاران تەستە گەپ قىلىۋاتقانلىقى مۇخبىرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىىنى تارتىقان .

 

باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كىيىن لىيۇۋېينىڭ باش قىسىمى 12 يىپلىق يامالغان ھەم مېڭىسى يىنىك دەرىجىدە سەلكىنىپ كەتكەن دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇلغان .نۆۋەتتە ئۇ ئۆزى كارۋاتتىن چۈشۈپ ھەركەت قىلالمايدىكەن ،مۆلچەرلىنىشىچە يەنە ئىككى ھەپتە دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن ئىكەن .قارا نىيەتلىكلەرنىڭ كۆزىگە ئىلىنىپ قايتا زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلغان لىيۇۋېي ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مۇخبىرنىڭ بىۋاستە زىيارىتىنى قۇبۇل قىلمىغان .

 

يەنە بىر شەھەر باشقۇرۇش سېستىمىسىدىكى خادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە مۇناسىۋەتلىك ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن ئورنىتىلغان كۈزىتىش ئاپىراتىنىڭ ئالغان سېن كۈرنىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق لىيۇۋېيغا ھۇجم قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ماسكا تاقىغانلىقى ھەمدە تۆمۈر كالتەك قاتارلىق ھۇجۇم قىلىش قوراللىرىنى كەينىگە يۇشۇرۇپ  لىيۇۋېيغا خېلى ئۇزۇن ئەگىشىپ ئاندىن قول سالغانلىقىنى بايقىغان . نۆۋەتتە ، جاماائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن لۈكچەكلەرنى قوغلاپ تۇتماقتا .

 

گۇڭجۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتىكوم شۈجىسى خېجىڭ چىڭ شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە ، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ دېلونى تېزدىن پاش قىلىپ . لۈكچەكلەرنى قاتتىق جازالاشقا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىدىكەن .

 

شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى : كىچىك يايمىكەشلەرنىڭ تەشكىللىنىپ ئۆچ ئېلىشى كۆپ ئۇچىرىمايدۇ

 

تۈنۈگۈن گۇڭجۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گوجىڭشى مۇنداق دىگەن :‹‹ھازىرغىچە ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بۇلىدۇ ، بۇ بىر قېتىملىق ئەتراپلىق تەشكىللەنگەن ، ئالدىن پىلانلانغان توپلىشىپ شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارتىلىغان زوراۋانلىق ۋەقەسى ›› . ھازىر كۆپلىگەن يايمىكەشلەر بىر يۇرتلۇقلىرىنى مەلۇم بىر يول بۆلكىگە يىغىپ يايمىكەشلىك قىلىدىكەن ، تەشكىللىنىپ شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ قېتىمقىدەك شېرىكلىشىپ شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىغا يېرىم يولدا بۆكتۈرمە ھۇجۇم قىلىش ھەركىتى ئايرىم ئەۋال ھېسابلىنىدىكەن .

 

يېڭى ئاخبارات گېزىتى : ئەگەر قالايىمقان نەرسە يېيىپ يايمىكەشلىك قىلغان ھايانكەشلەر لىيۇۋېيغا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلغان بولسا ، لىيۇۋېينىڭ ئادەتتە قانۇن ئىجرا قىلىشى بەك قاتتىق بۇلۇپ كەتكەنمۇ قانداق ؟

 

گوجىڭشى : مىنىڭ بىلىشىمچە لىيۇۋېي ياللانما باشقۇرۇش ئەترىتىدە ئىشلىگىلى 10يىل بولغان خىزمەت جەريانىدا ناتوغرا قىلمىشى كۆرۈلمىگەن ، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان ھەم بۇ خىلدىكىگە ئوخشاش تەھدىتىنىمۇ تاپشۇرۋالمىغان ، ھازىر  دېلوغا چېتىشلىق لۈكچەكلەر تېخى تۇتۇلمىغانلىقى تۈپەيلى لۈكچەكلەرنىڭ لىيۇۋېيغا بۆكتۈرمە خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىشىنىڭ كونكىرىت سەۋەبى ئېنىقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا .

 

يېڭى ئاخبارات گېزىتى : يېقىندىن بۇيان گۇڭجۇ شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە چوڭ دائىرلىك ‹‹ئالۋاستى پىيادىلەر كۇچىسىغا مېڭىش ›› ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ تازلاش ئېلىپ بارغان ، شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ  ئەترەت باشلىقىنىڭ  ئىشتىن چۈشۈپ قايتىش يولىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىشى شەھەر باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ يۇقرىقى ‹‹چوڭ تۈزەش›› ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟

 

گوجىڭشى : شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەرگىزمۇ زوراۋان كۈچلەرنىڭ قارشى تۇرشى ياكى باشقا ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى يىنىكلەشتۈرمەيدۇ ، شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى جەزمەن خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن قاتتىق قوللۇق بىلەن ‹‹ چوڭ تۈزەش ›› ھەركىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .

 



13-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek