لەگلەك تورى تەرجىمىسى جوڭشىن مالىيە - ئىقىتىساد جاكارتادىن بەرگەن تېلگىرامىسى ، جوڭگو سودا - سانائەت بانكىسى ھىندونېزىيەدىكى تارماق بانكىسى 21 چېسلا Unionpay Platinum ئىناۋەتلىك كارتىسىنى تارقاتتى . جوڭگو سودا -سانائەت بانكىسى ھىندونېزىيەدىكى خېرىدارلىرى ئۈچۈن جوڭگو دۆلەت ئىچىدىكى سودا - سانائەت بانكىلىرى بىلەن مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈپ بەردى .
ھىندونېزىيىدىكى جوڭگو سودا -سانائەت بانكىسىنىڭ دېرىكتۇرى يۈەنبىننىڭ بىلدۈرشىچە ، ئىناۋەتلىك كارتا تارقتىش ئارقلىق جوڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش . ئككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسى ئۈچۈن قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىللەش . Unionpay بولسا جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى . 2013 -يىلغا قەدەر 5 مىليارت 800 مىليون بانكا كارتىسى تارقاتقان بۇنىڭ ئىچدە 88 مىليون ئىناۋەتلىك كارتا بار . جوڭگو سودا -سانائەت بانكىسنىڭ Unionpay Platinum ئىناۋەتلىك كارتىسى جوڭگو ، ھىندونېزىيە ،سىڭگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 100 نەچچە تىجارەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلىتىدۇ .
ھىندونېزىيە جوڭگو سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ دىرىكتۇرى Rolyta Manullang مۇنداق دېدى : ھىندونېزىيە خېرىدارلىرى جوڭگوغا ساياھەتكە ياكى ئىش بىجىگىلى بارغاندا Unionpay ئىناۋەتلىك كارتىسنى ئىشلەتسە كۆپلىگەن ئېتىبارغا ئىرىشىدۇ . چۈنكى جوڭگونىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بۇ كارتىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
ھىندونېزىيە كارخانچىلار ۋەكىلى Chris Kante بىلەن Shinta Akamdani جوڭگو سودا -سانائەت بانكىسى ئىناۋەتلىك كارتا تارقىتىشنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈردى .ئككى دۆلەت سودا مۇناسىۋېتنىڭ تېخىمۇ ئىلگىر سۈرۈپ قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلدىغانلقنى بىلدۈردى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved