18 يىل جازا مۇددىتى ئۆتىگەن ئەر ھەقىقى جىنايەتچىنىڭ تورغا چۈشۈشى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن

سىچۈەن خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 16- كۈنى سۈينىڭ شەھرىدىن بەرگەن خەۋىرى .

بىر قېتىملىق ئۆيگە قايتىش يولىنى ۋاڭيۈبېن 18 يىل ماڭغان ، 2013-يىلى 7-ئايدا ۋاڭيۈبېن ئانا يۇرتىنىڭ  قايتا قەدەم باسقان ۋاقىتتا يۇرتنىڭ ھەممە نەرسىسى ئۆزگەرگەن ، ئۆيى بۇزۇلغان ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ قېرىپ كەتكەن ،ئۆي ئالدىدىكى دەرەخ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ يوغان بولغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭيۈبېنغا بەكمۇ ناتۇنۇش تۇيۇلغان......

1996-يىلى 11-ئايدا ، 42ياشلىق ۋاڭيۈبېنغا  باسقۇنچىلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئۇنىڭ تۈرمىدە شۇ بىر ئولتۇرشى 18 يىلغا سوزۇلغان. ئەگەر بېيجىڭ ساقچى تەرەپ 2012-يىلى ھەقىقى قاتىل لىيەنمىڭنى قولغا چۈشۈرمىگەن بولسا ۋاڭيۈبېننىڭ  يەنە قانچىلىك تۈرمىدە يېتىشنى بىلگىلى بولمايتتى . 

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىسپاتلىشى بىلەن ، 2013-يىلى 7-ئايدا ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ۋاڭيۈبېننىڭ باسقۇنچىلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم چىقارغان. ئارقىدىن ھەقىقى جىنايەتچى لىيەنمىڭنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن  ۋاڭيىبېن باۋتوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ  ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم چىقرىلغان. ۋاڭيۈبېن شۇ ئايدىلا قويۇپ بېرىلىپ 1 مىليون500مىڭ تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەن. 

يۇرتىغا قايتىقان ۋاڭيۈبېن ئاھ ئۇرۇپ توختىمغان، ئۇنىڭ دىيشىچە :‹‹ مېنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئەڭ يېقىن دوستۇمنى قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پەقەتلا تۇنۇيالمىدىم ، ئۆزگۈرۈپ تۈگۈشۈپتۇ.››

ئەينى يىلىدىكى ۋاڭيۈبېن:ئەترەتنىڭ كاسسىرى  يىراق-يېقىنغا داڭلىق مەدەنىي شەخىس 

بۈگۈن سىچۈئەن خەۋەر تورىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭيۈبېننىڭ يۇرتى سۈينىڭ شەھرى چۈئەن شەن رايونى شىنچاۋ بازىرى بەيجاچاۋ كەنتىگە كىلىپ ئۇزۇن كەتكەن تونىلدىن ئۆتكەندىن كىيىن بىر كىچىك تاغ باغرىدىكى مەھەللە كۆزىگە چېلىققان. بۇ تاغلىق كەنىتتە ئەسلىدە 30 نەچچە ئائىللىك بۇلۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر  سىرىتقا ئىشلەمىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن، ھازىر كەنىتتە پەقەت 10 نەچچە ئادەملا قېلىپ قالغان. 

ۋاڭيۈبېننىڭ كونا ئۆيىگە كەلگەندە ، ئۇنىڭ كونىراپ كەتكەن تۆت ئېغىزلىق كاھىش ئۆيىنىڭ ھەممە يىرى بۇزۇلۇپ ،كىشىگە  يەنىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ۋاقىتىدىكدەك تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى .

ۋاڭيۈبېن 1954-يىلى تۇغۇلغان ئۇ بالىنىڭ چوڭى  بۇلۇپ ئىككى سىڭلىسى ۋە ئىككى ئىنىسى بار ئىكەن . گەرچە ۋاڭيۈبېن ئارنلا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ئەينى يىلى يۇرتىدىكى مەدەنىيەتلىك شەخىس ھېسابلىنىدىغان بۇلۇپ يۇرتداشلىرى بىرەر پارچە خەت يازماقچى بولسا ھەممىسى ئۇنى ئىزدەپ كېلىشىدىكەن. 

1989-يىلى 35 ياشلىق ۋاڭيۈبېن تېخى توي قىلالمىغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن ھېچكىم ئۇنى ياراتمىغان شۇنىڭ بىلەن توي قىلالمىغان. ئەينى يىلى ۋۇچاڭخۇي ئىسىملىك بىر ئايال ئىككى ياشلىق قىزىنى ئېلىپ شەندۇڭدىن بۇ يەرگە كېلىپ ، ۋاڭيۈبېننىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلگەن ، ئۇلار توي خېتى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 

ۋاڭيۈبېننىڭ دىيشىچە:‹‹ 1991-يىلى يەرنىڭ ھوسۇلى ياخشى بولماي ، ۋاڭيۈبېن ئايالىنى ئېلىپ تۇغقىنىغا ئەگىشىپ سىرىتقا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىققان ، ئالدى -كەينى بۇلۇپ خېبېي ئىچكى موڭغۇللارغا بېرىپ ئۈچ چاقىلىق ۋېلسىپىت تىپىپ پۇل تاپقان. نەتىجىدە ئايالى باشقىلار بىلەن قېچىپ كىتىپ بالىسىنى ۋاڭيۈبېنغا تاشلاپ قويغان. 

1994-يىلى باۋتوۋدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ۋاڭيۈبېن ئۆزىنى 18 يىللىق قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرگەن ‹‹دوسىتى›› لىيەنمىڭ بىلەن تۇنۇشقان. 

1994-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى لىيەنمىڭ ۋاڭيۈبېنغا ئۆزىنىڭ بىر كىچىك قىزنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ۋاڭيۈبېننىڭ قورقۇپ ئىسىگە كىلەلمىگەن ۋاقتىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ لىيەنمىڭ ۋاڭيۈبېنغا تەھدىت سېلىپ ئەگەر ساقچىغا مەلۇم قىلسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭمۇ كىچىك قىزغا ئوخشاش بۇلدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقۇتقان. ھەمدە ۋاڭيۈبېندىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىشىپ بىرىشنى سورىغان. 

ئاشۇ كۈنى كەچ سائەت 9 دا ، ۋاڭيۈبېن لىيەنمىڭنى ئۈچ چاقىلىق ۋېلسىپىتىگە ئولتۇرغۇزۇپ 10 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايغا بېرىپ جەسەتنى تاشلىۋەتكەن. 

12-ئاينىڭ16- كۈنى ۋاڭيۈبېن باۋتوۋ شەھەرلىك دوڭخې تارماق ئەترىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ تۇتۇپ كىتىلگەن ، لىيەنمىڭ شۇ كۈنى سەھەردىلا قېچىپ كەتكەن. 

1996-يىلى 42 ياشلىق ۋاڭيۈبېنغا  باسقۇنچىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بىرىشكە ھۆكۈم چىقىرىغان. 

ھازىرقى ۋاڭيۈبېن: بەك ئۇزۇن تۈرمىگە سولانغانلىقتىن ھېچ ئىش قىلىشنى بىلمىگەن 

ۋاڭيۈبېن تۈرمىدىكى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ھېساب ھەر ئايدا بىر قېتىم سىڭلىسىغا خەت يېزىپ تۈرمە تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆزلەپ ، ئائىلىسدىكلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغان ھەم ھەر قېتىمدا ئۆزىگە ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. 

ۋاڭيۈبېن دېلوسىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشنىڭ بۇلشىغا ئەگىشىپ 2013-يىلى 7-ئايدا ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋاڭيۈبېنغا ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇنىڭ باسقۇنچلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 7-ئاينىڭ 25- كۈنى قۇيۇپ بىرىلگەن ، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى ۋاڭيۈبېن ئاللىقاچان باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىگە جاۋابكار بۇلۇپ 18 يىللىق ئەركىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 

لىكىن ۋاڭيۈبېننىڭ يۇرتتىكى ئانىسى ئوغلىنىڭ قايسى كۈنى تۈرمىدىن چىقىدىغانلىقىنى ساقلاپ بۇلالماي ۋاڭيۈبېن قۇيۇپ بىرىلشتىن 11 كۈن بۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئاتا-ئانىسنىڭ ۋاڭيۈبېننى سېغنىشىنى سۆزلىگەندە سىڭلىسى ۋاڭشىيۇلەن كۆزىگە ياش ئېلىپ :‹‹ ئاكامنىڭ مۇشۇ ئىشى تۈپەيلى دادام ئاپامنىڭ يۈرەك باغرى پارە-پارە بولۇپ كەتتى ئۇلار كۈن بۇيى تىت-تىتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدى، ئاپام ئاكامنى ساقلاپ ئۇنى بىر كۆرۋېلىش ئۈچۈن بىر تىنىقى قالغۇچە ئەنسىرەپ ساقلىغان بولسىمۇ ئاخىردا يەنىلا ئاكامنى ساقلاپ بۇلالمىدى .13يىل بۇرۇن دادام بۇ ئالەمدىن كىتىش ئالدىدمۇ ئېغزىدا توختىماي ئاكامنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ ئۇنى بىر كۆرۋالماقچى بولغان ئەمما كۆرەلمىدى .›› دىدى. 

ئانىسىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن ۋاڭيۈبېن ئىنىسىغا ياردەملىشىپ ئىش ئورنىغا قارىشىپ بەرگەن ، سىڭلىنىڭ كۆكتات يايمىسغىمۇ يېقىن تۇرغان ئەمما ھېچقايسىسىنى ئۇزۇن قىلالمىغان. 

ئەڭ دەسلەپ ئۆيگە قايتقان ۋاقىتتا 1مىتىر 60 سان ئىگىزلىكتىكى ۋاڭيۈبېن ئۇرۇقلىقىدىن ئاران 80~70 جىڭ ئاران كىلەتتى ، سىڭلىسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئاكسىنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ نەچچە ئاي ياخشى كۈتكەن بولسىمۇ بەدەن ئېغىرلىقىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمىغان. 

ۋاڭشىيۇلەننىڭ دىيشىچە:‹‹ ئاكام تۈرمىدە بەك ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن ، ھىچ ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ، ئۇنى كۆكتات يايمىسىغا قارىشىپ بەر دىسە كىلىپ بىر كۈن قىمىر قىلماي ئولتۇرىدۇ ، باشىقىلار كۆكتات ئالغىلى كەلسە ئۆزى سۆزلەشمەي مىنى توۋلايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكامنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ، بىزمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ئىش قىلشىنى خالىمايمىز. ›› 

نەۋرە ئىنىسى ۋاڭبېنۋۇ مۇنداق دەيدۇ :‹‹دەسلەپ ئۆيگە كەلگەندە بىز بىلەن پاراڭلاشسا شۇ بىر جۈملە ( تۈگدى دىسىلا تۈگەيدىكەن ) دىگەن گەپنى تەكرارلاپ پاراڭلىشىشنىمۇ تۈزۈك بىلمىدى .›› 

سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كىيىن ۋاڭيۈبېن ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى بۇلشى كىرەكلىكىنى ھىس قىلىپ كۆچۈپ چىقىپ ئايرىم تۇرغان .

تېلفون ئىشىلتىشنى بىلمەيدۇ ، تېلۋىزورنى ئېچىپ قۇيالمايدۇ، دائىم چىراقنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، توكلۇق ئىسسۇتقۇنى ئىشىلتەلمەيدۇ، سىرىتقا چىقسا يۈنلىشنى پەرىق قىلالمايدۇ  مانا بۇ 18 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققاندىن كىيىنكى ۋاڭيۈبېن . ۋاڭشىيۇلەننىڭ دىيىشىچە: ‹‹ ئاكام ئاللىقاچان جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسى ئۆزۈلگەن بۇلۇپ، مەن ھازىر تېخى ئىشىلتىشنى ئۈگۈتۈپ قويسام بىردەمدىلا يەنە ئۇنتۇپ قالىدۇ.›› 

2014-يىلى 2-ئايدا ۋاڭيۈبېن 60 ياشلىق كۈنىدە ، سۈينىڭ شەھەرلىك بىر تاماقخانىدا 10نەچچە ئۈستەل تاماق تىزىپ دوست بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ رەسمى قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ كۈنى ۋاڭيۈبېن ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ كەتكەن. 

نۆۋەتتە ، ۋاڭيۈبېن سۈينىڭ شەھەر رايونىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ھەر خىل يېڭى تۇرمۇش بىلىملىرىنى تىرشىپ ئۈگەنمەكتە . 

ۋاڭيۈبېن بىلەن دىئالوگ: ئەينى يىلى مىنى ئۇرغان ساقچىنى بوش قويۋەتمەيمەن

سىچۈئەن خەۋەر تورىنىڭ مۇخبىرى بۈگۈن ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتوۋ شەھرىدە ئىش بىجرىۋاتقان ۋاڭيۈبېننى تېلفوندا زىيارەت قىلغان .

مۇخبىر : كەلگۈسىگە قارىتا سىزنىڭ قانداق پىلانىڭىز بار؟

ۋاڭيۈبېن: ھازىر كۆپ ئويلىمايمەن ، پەقەت خوتۇن ئېلىپ كىيىنكى ئۆمۈرۈمنى تنىچ -خاتىرجەم ئۆتكۈزسەملا بولدى .  

مۇخبىر : سىز بىر مىليون 500مىڭ يۈئەن تۆلەم پۇلىغا ئېرشىپسىز بۇ پۇلنى قانداق خەجلىمەكچى بۇلىۋاتسىز ؟

ۋاڭيۈبېن : سۈينىڭ شەھەر رايونىدىن 500مىڭ يۈئەنگە بىر ئىككىنجى قول ئۆينى سېتىۋالدىم ، بېقىۋالغان قىزىمغا 30 مىڭ يۈئەن بەردىم، ئېشىپ قالغان بىر مىليونغا يېقىن پۇلنى باۋتوۋدا سانائەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان نەۋرە ئىنىمگە بىرىپ تۇردۇم ، ھازىر ھەر ئايدا ئىنىم ماڭا ئۆسۈمىنى ھېساپلاپ تۇرمۇش پۇلۇم قىلىپ ماڭا بىرىدۇ ، ئەسلى پۇلنى ئۈچ يىلدىن كىيىن قايتۇرۇپ بەرمەكچى . 

مۇخبىر : ئەينى يىلى سىزنى تۇتقان ۋە سوراق قىلغان ساقچىغا سىزنىڭ قانداق دەيدىغان سۆزىڭىز بار ؟

ۋاڭيۈبېن: ئەگەر ئەينى يىلى مىنى ئۇرغان ساقچىلار كىلىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىمىسا مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بوش قويۋەتمەيمەن . 

مۇخبىر  : بۇ ئۇۋال قىلىنغان ئەنزىگە قارىتا سىزنىڭ قانداق ئويلىغىنىڭىز بار ؟

ۋاڭيۈبېن : بۇنىڭغا قارىتا دەيدىغان ھېچقانداق گېپىم قالمىدى ، دۆلەت ئاللىقاچان تۆلەم تۈلەپ بەردى ، ئەمدى بۇ ئىشنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرگۈم يوق. ئەينى يىلى ماڭا سوت كەسكەن تەپتىش ئاللىقاچان مەندىن كەچۈرۈم سورىدى ، ھەقىقەتەنمۇ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىش ، ئۇمۇ دىدى ئەينى يىلدىكى سىياسەتتە ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق ئىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، ئەگەر ئەينى يىلى مىنىڭ جېنىمنى ئالغان بولسا بۈگۈنكى كۈنىممۇ بولمايتتى . 



خەتكۈچلەر:
17-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: سىچۈئەن خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek