شىنخۇا تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
بۈگۈن (4-ئاينىڭ 15-كۈنى )ئەتىگەن ،شېنياڭ مېتروسى بىرىنچى لىنىيىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناشنى كېيىنگە سۈردى . بەزى مىكروبىلوگلاردا يولۇچىلار ئۇرۇشۇپ كېتىپ مېترو دېرىزە ئەينىكىنى چېقىۋەتتى دەپ يېزىلغان .
مېترو ئورگىنىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلدى :
‹شېنياڭنىڭ بىر مېترو ۋاگونىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ،ھازىر سەۋەبى تەكشۈرلىۋاتىدۇ ،ئىككىنچى لىنىيە ھازىرغىچە بىخەتەر ›.
مېترو بىرىنچى لىنىيىسىنىڭ خەلق مەيدانى تەرەپ يۆنىلىشىدىكى پۈتۈن لىنىيە قاتناشنى كېچىكتۈردى ،شۇ سەۋەبتىن يولۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ۋاقىت ئاساسىغا قاراپ ،قايتىدىن يول لىنىيىسىنى تاللىشىنى ئەسكەرتتى .
ياشلار كوچىسى بېكىتىدە مېترودىن چۈشكەن بىرىنچى كىشىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز ‹ئاخىرى چۈشىۋالدىم ،ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتى ›دېگەن سۆز بولدى .
بىر ئايال يولۇچىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە ،بۇ قېتىمقى مېتروغا ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئەڭ ئۇزاق مېترودا ئولتۇرۇپ قالغان ۋاقتى بۇلۇپ ،بىر سائەت داۋاملاشقان .
يولۇچىلار ئاغرىنىشتى ،ئىشقا كېچىككەنلىرى ئامال يوق ئەڭ يېقىن بېكەتتە چۈشۈپ قېلىپلا ،تاكسى توسۇپ مېڭىشتى ياكى يۈگۈرۈشتى .يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ، مېترو ئىچىدىكى خىزمەتچى بىلەن يولۇچى سوقۇشۇپ كەتكەن ۋە ئەينەكنى چېقىۋەتكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نامى ——— LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved