جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ زور بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى ئېتىۋەتكەن.
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىدلىب ئۆلكىسىنىڭ جىسىر شۇغۇر شەھىرىدە ئەسەبىي تەشكىلات «قوللاش فىرونتى» قوراللىقلىرىنىڭ كالونىغا يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، زور تۈركۈم قوراللىقلارنى ئېتىۋەتتى ھەمدە نۇرغۇن ماشىنىلارنى ھەيران قىلدى.
سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى جىسىر شۇغۇر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدا ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىۋەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved