مىكروسوفت تۈنۈگۈن ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Win10 SDK Build 10586 نى تارقاتقان، ھەمدە سىستېما يېڭىلىنىش تارىخىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلغان. مىكروسوفت يەنە ئەپ ئاچقۇچىلارغا ئۆز ھەمكارلاشقۇچىسى Mobilize.Net تەمىنلىگەن بىر ياردەمچى قورالنى تەۋسىيە قىلغان، بۇ قورال ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ WP8.1 ئەپلىرىنى Win10 سۇپىسىغا كۆچۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ ياردەمچى قورال Build2015 چوڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مىكروسوفت Visual Studio ئەپ ئېچىش يۈرۈشلۈكىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىستۇرما بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلغان ئىكەن:
1. ھازىرقى WP8.1 Sliverlight ئەپلىرىنى Win10 سۇپىسىغا كۆچۈرۈش؛
2. ئەپ كۆچۈرۈش خىزمەت مىقدارى ۋە كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ 1/3 نى تېجەپ بېرىش؛
3. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان API ۋە باشقا بۆلەكلەرنى پرويېكسيەلەش؛
4. ئوچۇق كودنىڭ كېڭەيتىلمە ھالىتىنى قوللاش ۋە ھازالار.
WP8.1 ئەپلىرىنى Win10 سۇپىسىغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق، بىر خىل ئەپنى كۆپ خىل ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئەگەر سىزدە ئاللىقاچان تاماملاپ بولغان WP8.1 Sliverlight تۈرى بولۇپ، ئۇنى Win10 UWP سۇپىسىغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا يۇقارقى قورال سىزگە ياردەم بېرەلەيدىكەن. بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved