ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 16-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بارغانسېرى كۆپ ئامېرىكىلىق زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى تەدبىرىدىن نارازى بولۇشقا باشلىغان. ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، تەكشۈرۈلگەن 57 پىرسەنت كىشى ئوبامانىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىدىن نارازى بولغان، 2014-يىلى 9-ئايدا، بۇ سان 49 پىرسەنت ئىدى. ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىق بارغانسېرى كۆپەيگەن، بۇ سان ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى 43 پىرسەنتتىن ھازىرقى 47 پىرسەنتكە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved