مەملىكەتلىك 2016-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 26-دېكابىردىن 28-دېكابىرغىچە ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ خىل تەدبىرلەر بىلەن پۇختا مۇداپىئە كۆرۈلۈپ، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ، بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشلىرىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 19 مىڭ 963 ئادەم مەملىكەتلىك 2016-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 3262 ئادەم ئارتۇق ئىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا 11 ئىمتىھان رايونى، 18 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: باشقىلارنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغان ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ياكى باشقىچە ياردەم قىلغۇچىلار؛ باشقىلارغا بەلگىلەنگەن ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى ساتقۇچىلار ياكى تەمىنلىگۈچىلەر؛ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك جازاغا تارتىلىدۇ. مەملىكەتلىك 2015-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 39 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved