پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى FIFA ئورگان تورى ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى دۇنيا بويىچە 82-ئورۇنغا تىزىلغان بۇلۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق رەت تەرتىپىگە قارىغاندا 14 دەرىجە ئۆرلىگەن. ئاسىيا تەۋەسىدە رەت تەرتىپى 7-ئورۇنغا ئۆتكەن.
ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق دۇنيا رەت تەرتىپىدە گېرمانىيە داۋاملىق 1725 نومۇر بىلەن رەت تەرتىپىنىڭ بىرىنچىسى بولغان. ئارگېنتىنا، كولومبىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، بىرازىلىيە، پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، ئۇراگۋاي، ئىسپانىيە قاتارلىقلار 2-ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە تىزىلغان. دۇنيا رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 10 كوماندىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يەتتە كوماندىنىڭ رەت تەرتىپى ئۆزگەرمىگەن.
ئاسىيا قىتئەسى كوماندىلىرى ئىچىدە ئىران كوماندىسى رەت تەرتىپىدە 41-ئورۇندا تۇرغان بۇلۇپ ئاسىيا قىتئەسى رەت تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرغان. دۇنيا رەت تەرتىپىدە 54- ۋە 55-ئورۇندا تۇرغىنى كورىيە بىلەن ياپونىيە بولۇپ ئاسىيا قىتئەسى بويىچە 2- ۋە 3-ئورۇنغا تىزىلغان. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى بولسا 429 نومۇر بىلەن دۇنيا رەت تەرتىپىدە 82-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ ئالدىنقى قېتىملىق رەت تەرتىپىگە قارىغاندا 14 دەرىجە ئۆرلىگەن. ئاسىيا قىتئەسى بويىچە 7-ئورۇنغا تىزىلغان. ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئالدىنقى 10-ئورۇنغا تىزىلغان دۆلەت كوماندىلىرى بولسا ئىران، كورىيە، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبىكىستان، جۇڭگۇ، ئومان، ئىراق ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلار. ئەگەر تاسادىپىلىق يۈز بەرمىسە ئاللىقاچان ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرگەن جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى غوللۇق كوماندا سۈپىتىدە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش قىسمىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved