ئالىملار تەتقىق قىلىش ۋە ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق، دۈشەنبە كۈنى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بەرداشلىق بېردىغان پىسخىكىلىق بېسىم ئەڭ چوڭ بولىدىغانلىقى، مۇشۇ ۋاقىتتا ئەرلەردە ئاسان چارچاش، چېچىلىش، يۈرىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى، دەل مۇشۇ ۋاقىت ئەرلەرنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەڭ موھتاج بولىدىغان پەيت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئالىملار 3300نەپەر ئەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دۈشەنبە كۈنى ئەرلەر بەرداشلىق بېرىدىغان روھىي بېسىمنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن %10يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىدىكى تولۇپ تاشقان ئارام كۈنى شادلىقىدىن كېيىن ئەرلەردە« ھەممىنى قايتىدىن باشلاش»ئويى تۇغۇلۇپ، غېرىبلىق ۋە يالغۇزلۇق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بىر بايقىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدىكەن، شۇڭا ئالىملار دۈشەنبە چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ خىزمەت مىقدارىنى كۆپەيتىشنى، چۈشتىن بۇرۇن «بەدەن قىزىتىش»نى ئاساس قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى %59ئازايتقىلى بولىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved