ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى رۇنېينىڭ ئېنگلاندنىڭ 2015-ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ رۇنېينىڭ ئۇدا ئىككى يىل بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، رۇنېي 37 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشكەن. 2015-يىلى، رۇنېي بوبى چارلىتوندىن ئېشىپ، ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن سىرت، ئېنگلاند كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلبە قىلىپ، ئېنگلاند كوماندىسىنى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن.
21 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا، سىتوك شەھرى قاپقىچىسى باتلەند تاللانغان، ئۇ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە 54 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشكەن. بۇ قاپقىچى قالتىس ئىپادىسى بىلەن سىتوك شەھرىنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىدا، بۇ قاپقىچى خارتنىڭ زاپىسى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved