«يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى تارتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەر سىرتقا ئېلان قىلىندى
سولدا «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 2016-يىلى 21-يانۋار تارتقان بېيجىڭنىڭ تۇمانلىق ھاۋا رايى مەزگىلىدىكى تەسۋىرىي سۈرىتى، ئوڭدا سۈنئىي ھەمراھنىڭ 2016-يىلى 25-يانۋار تارتقان بېيجىڭنىڭ كۆپ سپېېكترلىك تەسۋىرىي سۈرىتى.
دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى تارتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەرنى سىرتقا ئېلان قىلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەرنىڭ تەسۋىرى ئېنىق، قاتلىمى ئايدىڭ، ئۇچۇرى مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، 50 مېتىر تولۇق رەڭلىك، 50 مېتىر كۆپ سپېكترلىك، 400 مېتىر ئوتتۇرا دولقۇنلۇق قىزىل ئىنفرا نۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆزىتىش كەڭلىكى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.
سۈرەت سۈپىتى، يەر جىسىملىرى تىپى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، بۇ قېتىم بېيجىڭ، شىنجاڭنىڭ يالقۇن تاغ، شىزاڭنىڭ نامۇسو كۆلى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى، چومۇلاڭما چوققىسى، خۇاڭخې دەريا دېلتىسى، جۇجياڭ دەريا دېلتىسى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ دەنجياڭكۇ شەھىرى، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىنى تاللاپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ، ئوخشىمىغان يەر تۈزۈلۈشىنىڭ تەسۋىر ئالاھىدىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئورمان ئوتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى. بۇنىڭدا يەنە بېيجىڭ شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سېلىشتۇرما رەسىم بار.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved