تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ، شۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چاۋشيەننىڭ خەلقئارانى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا قوشۇۋالغان، دەپ قارالغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 1- ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ چاۋشيەننىڭ 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىكەن.
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، چاۋشيەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ، لېكىن تەپسىلىي ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشكارىلىمىغان. بۇ قېتىمقى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 1 - ئاينىڭ 20-23-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تىزملىكى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
خەۋەردە يەنە چاۋشيەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى جۇيوڭ بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كورىيەنىڭ « چاۋشيەن گېزىتى » 5 -يانۋارلىق خەۋىرىگە قارىغاندا ، داۋوس مۇنبىرىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر سىياسىي زاتلار ۋە پۇلدار كىشىلەر جەم بولىدىغان بولۇپ، ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇلىدۇ ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى 1997-يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتنىشىپ باقمىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved