2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆي مۈلۈك بازىرى پەسىيىشنىڭ بېسىمى روشەن بولدى، نۇرغۇن ئورگانلار ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرىدا جۇڭگودا ئۆي مۈلۈك بازىرى كۆپۈكى يېرىلىدۇ، غۇلاپ چۈشىدۇ دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالدى. لېكىن تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چىن خۇڭ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى، ئۇ يېقىندا مەلۇم يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ئۆي مۈلۈك بازىرى غۇلاپ چۈشىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ، جۇڭگودا ئامېرىكا، ياپونىيەدەك ئۆي مۈلۈك كۆپۈكى يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ھازىرقى ئۆي مۈلۈك بازىرى تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىر شەھەر بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، شەھەر نوپۇسى كۆپىيىشتەك باسقۇچتا تۇرماقتا، ھازىر شەھەر بازارلاردىكى ئومۇمىي نوپۇس 730 مىليون، شەھەر بازارلىشىش نىسبىتى %53، جۇڭگو شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئون نەچچە پوئىنتى ئۆستۈرسە بولىدۇ. ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان شەھەر بازارلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 20 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار تۇرالغۇ مەسىلىسىنى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەر ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. چىن خۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىم بولغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى يەنىلا ئۆي مۈلۈك بازىرى تەرەققىياتىنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved