Microsoft Build 2014 يىغىنى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ 9:30 دا) سان-فىرانسىسكو موسكون كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. Microsoft ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Windows 8.1 Update 1 ۋە Windows Phone 8.1 نى ئېلان قىلدى.
(1) Windows Phone 8.1
Microsoft شىركىتى Windows Phone نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىشى بولۇپ، سىستېمىڭىزنى 8.1 گە يېڭىلىسىڭىز ئاۋاز ياردەمچىسى Cortana، يېڭىچە كونترول مەركىزى، ئىختىيارى بەلگىلەشكە بولىدىغان قۇلۇپ ئېكرانى ۋە تەگلىكى قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ. Windows Phone 8.1 بۇ يىل 5-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغان Lumia ئەقلىي تېلېفونلىرىغا سەپلەنمەكچى.
(2) Windows 8.1
4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەڭ يېڭى يېڭىلانمىسى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا يېڭىدىن قوشۇلغان ۋەزىپە ئىستونى، ۋەزىپە ئارىسىدا ئالمىشىش، باشلاش بېتى قاتارلىقلار بار. ئاممىباب Windows ئەپلىرىنى كومپيۇتېردا، تېلېفوندا، تاختا كومپيۇتېردا ۋە XBox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
(3) سەزمە ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان Office
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا iPad نۇسخىدىكى Office ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يەنە work in progress (جەرياندا خىزمەت قىلىش)نەشرىدىكى بولاقچە ئېلان قىلىندى. بۇ بولاقچە مەخسۇس Windows سەزمە ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرگە لايىھەلەنگەن.
(4) Internet of Things Windows
ئىنتېرنېت نەشرىدىكى Windows نى ئېلان قىلدى، قاتتىق دېتال ئاچقۇچىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتىدۇ.
(5) قىممەت باھالىق ئەقلىي تېلېفون
نوكىيا شىركىتىنىڭ بايراقدار تېلېفونى Lumia 930 بولۇپ، 5 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن، Windows Phone 8.1 بىلەن ماسلىشىدۇ، سىمسىز زەرەتلەش(توك قاچىلاش)نى قوللايدۇ، ئوپتىكىلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ قوللىنىلغان 20 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.
(6) ئەرزان باھالىق Lumia 630 ۋە Lumia635
4.5 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن، 3G تورىنى قوللايدىغان تېلېفون بولۇپ، باھاسى 159 دوللاردىن 189 دوللارغىچە بولىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved