ياپونىيە گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى بىلەن بىرىكتۈرۈش پارتىيىسى بىرلەشكەن يېڭى پارتىيە گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى 21-سېنتەبىر توكيودا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېيىنكى ياپونىيىنىڭ 2-چوڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىسىگە ئايلاندى. ئەسلىدىكى ياپونىيە گۈللەندۈرۈش پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ياپونىيە بىرىكتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى پارتىيىنىڭ ۋەكىللىكىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى. بىرىكتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى يېڭى گۈللەندۈرۈش پارتىيىسى يىغىندا ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىنى قايتا تەشكىللەش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۈللەندۈرۈش يېڭى پارتىيىسى دېموكراتلار پارتىيىسى، كۆپچىلىك پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر بىلەن سىياسىتى بىردەك بولۇش شەرتى ئاستىدا بىرلەشسە ئابىشىنزو ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشالمايدۇ. بىراق كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: گۈللەندۈرۈش پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى سانىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بولغان پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەرنى قايتا تەشكىللەشتە يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved