10-ئايلىق ئۆزتۈرك پروگراممىسى - «كارخانا روھى ۋە مەدەنىيەت»

روھسىز تەن بىر مۇردا، بۇ ئىنسانغىمۇ شۇنداق، كارخانىغىمۇ ھەم شۇنداق. كارخانىڭىزنىڭ روھى بارمۇ؟ بۇ روھ سىزنى ھاياجانغا سالالامدۇ؟ بۇ روھ خادىملىرىڭىزنى زىچ ئۇيۇشتۇرالامدۇ؟ خادىملىرىڭىز يەنىلا ماددى مەنپەئەت ياكى شەكلى ئادىمىۋىلىكنى ئاساس قىلغان شېركەت مۇھىتىدا تېڭىرقاۋاتامدۇ؟ ئىشەنچ، سوبىكتىپ ئاكتىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاكتىپ مەدەنىيەت كارخانىڭىز تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بۇلالىدىمۇ؟


بىر كارخانا كۆلىمىنىڭ چوك ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم توغرا بولغان كارخانا روھىغا ئىگە بولىشى كېرەك، چۈنكى روھسىز تەننىڭ بارارگاھى قارارسىز، نىشانسىز بولىدۇ.
كارخانا روھى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ جېنى. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلام تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى، دىمەك روھ ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىش بارلىق كارخانىچىغا قۇيۇلغان تەخىرسىز تەلەپ . ئىلمىي كارخانا روھى ۋە مەدەنىيتىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەرتىۋى ۋە ئەندىزىسىنى تەپسىلى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «ئۆزتۈرك پروگراممىسى» نىڭ 10-ئايلىق «كارخانا روھى ۋە مەدەنىيەت» تېمىسىدىكى لېكسىيىسىگە ئىشتىراك قىلىڭ!

 


لېكسىيە سۆزلىگۈچى :

 


شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىدىن:

 

ئۆمەرجان ھەسەن ـــ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ياپونىيە كيوتو ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلرى دوكتورى. 2011-يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئونۋېرسىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات كافېدىراسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى MBAدىرېكتورلار سىنىپىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى. نۆۋەتتە دۆلەت ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىللىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئاساسى تەتقىقات يۆنىلىشى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا كردېتى قۇرۇلىشى، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، پايدا ئېلىش مېخانىزىمى ئانالىزى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆمەرجان كارخانىلاردا ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە.


مىجىت لېتىپ ئەپەندىم ـــ مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا ئادۋوكاتلىق ئورنىنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كەسپى ئادۋوكات، داڭلىق كارخانىچى، كارخانا مەدەنىيتى تەتقىقاتچىسى.

 

مۇھەممەد ياسىن مۇئەللىم ـــ ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتى سودا-ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، ئەنگىلىيە UCG (ئائىلىۋى كارخانىلار گوروھى) مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە) ، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى، 2013-يىللىق دۇنيا سودا - ئىقتىساد تەرەققىيات يىغىنى تەتقىقات ماقالە تۈرى بويىچە خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئالتۇن مىدال) ساھىبى.

 

 

لېكسىيە تېمىسى: كارخانا روھى ۋە مەدەنىيەت

 

 


ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 18- 19 - كۈنلىرى (شەنبە، يەكشەنبە)

 


ئادېرسى: خەلقئارا تاشقى سودا بىناسى 3-قەۋەت

 


شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى

 


تېزىملىتىش تېلفۇن نومۇرى:  430-0991-400 (قىزىق لىنىيە)


13565950750


13899898941



16-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسى تەڭشىلىدىك...
12-05-2016
    جۇڭگو شىزاڭ تورى خەۋىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا توي تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆز...
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
11-05-2016
    بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىغا ياخشى ئۆسۈش پۇرسىتىى يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بازاردا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائات 11 ...
11-05-2016
   جۇڭگو شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونىغا تىرىلىئون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر مەبلىغى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايوننىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق...
11-05-2016
   مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىلقى تۆمۈر رۇدىسى ۋە پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ ئاساسنىڭ ئىنت...
10-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020-يىلغىچە 35 نامرات ناھىيەدىكى بارلىق يېزا...
10-05-2016
    9-ماي خەلقئارا نەق مال ئالتۇن 20 دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى، چۈشۈش كۆلىمى %2 گە يەتتى، ئامېرىكا بازىرىدا ھەر ئونسىيە ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1262.78 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بۇ چۈشۈش 7-مايدىكى ئۆسۈشنى يەپ ك...
10-05-2016
   بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نەق ئالتۇنىنىڭ باھاسى 20 دوللار چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1265 دوللارغا بېرىپ قالدى.     5- ئ...
10-05-2016
   2016-يىلى نىلقا ناھىيەسى مىس يېزىسى، كېلەڭ يېزىسى، قۇجۇرتاي يېزىسى قاتارلىق 6 يېزا-بازاردا ئوبلاست دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا...
Powered by Leglek