رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 21-ماي كرېمىل سارىيدا ئىراق زۇڭلىسى ئابادى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئىراق رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىشەنچلىك شېرىكى، گەرچە دۇنيا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا يولۇققان، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى مۇرەككەپلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلدى.
ئابادى مۇنداق دېدى: ئىراق رۇسىيە مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ئىراق بارلىق ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناىسۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مەن، بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ئىراق بىلەن رۇسىيىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف پۇتىن ئابادى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىراقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزالىرىغا ۋە باشقا تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاراتقۇلارغا، رۇسىيىنىڭ ئىراقنى قورال بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved