دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى 24-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تېررورلۇقنىڭ مەيلى قانداق شەكىل بىلەن يۈز بېرىشى، مەيلى قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق جايدا يۈز بېرىشى، قانداق كىشىگە قارىتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم زەربە بېرىش، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق، مىللەت ۋە دىن بىلەن بىرلەشتۈرمەسلىك كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇچۇر توپلاش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، تور تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇشنى، يۆتكىلىش ۋە ئۇچرىشىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئەسەبىيلىشىشنى يوقىتىشقا تۇرتكە بولۇش كېرەك.
ھەققانىيەت ۋە ئىتتىپاقلىق ئالدىدا، تېررورلۇقنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى تەل-تۆكۈس يوقىتىش كېرەك.ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بارلىق شەكىللەردىكى تېررورلۇققا ئىزچىل تۈردە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق قەتئىي قاتنىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved