تۆت چوڭ شىركەت Adblock غا ‹‹پارا ›› بەردى.

سىنا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 2-فېۋرال ئەتىگەنلىك خەۋىرىدە، مىكروسوفت، ئامازۇن، گوگول، Taboola قاتارلىق تۆت چوڭ شىركەت جىممىدە Adblock Plusنىڭ ئاچقۇچى (قۇرغۇچى) سى بولغان گېرمانىيە قۇرغۇچى Eyeo شىركىتىگە ھەق تۆلىگەن، مەقسەت Adblock Plus نىڭ ئەمدى ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئېلانلارنى سۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن. Adblock Plus بولسا نۆۋەت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدە ئىشلىتىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان توربەتلەردىكى قالايمىقان ئېلانلارنى سۈزۈش قورالى.


بۇ قېتىمقى سودىلىشىشلار نۆۋەتتە ناھايىتى مەخپىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ‹‹ مالىيە ۋاقىت گېزىتى›› بۇ قېتىمىقى ‹‹پارا›› بېرىشنىڭ راستلىقىن جەزملەشتۈرگەن.بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، تور ئېلانچىلىقىدىكى ئېلان سۈزۈش قورالىرى پەيدىنپەي چوڭ ماگناتلارغا نىسبەتەن تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تور ئېلان بازىرىنىڭ كۆلىمى كېڭىيپ 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


يېقىنقى بىر قانچە يىلدا Adblock Plus كىروم (Chrome) ۋە ئوت تۈلكە(firefox) قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىدىغان ئابۇنتلارنىڭ ئېلان سۈزۈشتە ئالدىن تاللاندىغان ھەقسىز قىستۇرمىغان ئايلانغان. بۇ قۇرالنى ئاچقان گېرمانىيە Eyeo شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قۇرالنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا چۈشۈرۈش ئىشلىتىش قېتىم سانى 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ھەم دائىملىق ئابۇنت سانىمۇ 50 مىليون دىن ئېشىپ كەتكەن.


بىراق نۇرغۇن ئېلان ئارقىلىق كىرىم توپلايدىغان شىركەت - كارخانىغا نىسبەتەن Adblock Plus بىر چوڭ باش قىېتىنچىلىقى بولۇپ قالغان، بۇنداق ئېلان توسۇش قوراللىرى ئۇلارنىڭ سودا ئەندىزىسىنى بۇزىدىكەن. RTL بىلەن ProSiebenSet.1 ۋە گېرمانىيە ئىچىدىكى ۋاسىتىچىلىك گۇرۇھلىرى Eyeo شىركىتىدىن زىيان تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ھەم يەنە بەزى فىرانسىيە سودا كارخانىلىرىمۇ بۇ جەھەتتىكى تۆلەم ئىشلىرىنى ئويلىشىۋاتقان ئىكەن.


Eyeo شىركىتى ئاتالمىش ‹‹ ئاق تىزىملىك›› ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان بولۇپ بۇ ئاق تىزىملىك ئىچىدىكى تور بەت ئېلانلىرىنى سۈزمەيدىكەن. بۇ ئاق تىزىمىلىك كىچىك تور بېكەت ۋە بىلوگلارغا ھەقسىز ئىكەن، ئەمما بىر قىسىم چوڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن ھەق تۆلەش ئارقىلىق بۇ تىزىملىككە قوشۇلسا بولىدىكەن. Eyeo شىركىتى ئېلان ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان شىركەتلەرگە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن ئېلان سۈزۈش قورالىغا بىر قانچە تۈرلەرنى قاتقان، ئېلانلارنى سۈزۈكلەشتۈرۈش، يازمىلار كۆپ بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېلان سۈزۈش قاتارلىقلار. Eyeo شىركىتى ئابۇنتلارنى Adblock Plus ئېلان سۈزۈش قورالىدىن ئۈمۈدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن <<بارلىق ئېلاننى سۈزۈش>> قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان. ئەگەر ئابۇنتلار Adblock Plus دىن رازى بولمىغان بولسا Adblock Edge ياكى باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ باقسا بولىدىكەن.


2014-يىل Eyeo شىركىتى بىر مۇنبەر تاختىسىغا ئېلان تورى Taboola نىڭ ئاق تىملىككە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن Taboola ئېلان مۇلازىمەت تور بېكىتى پايدىغا ئېرىشكەن.
PageFair ۋە Adobe نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئېلان سۈزۈش قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %70 گە ئۆرلىگەن. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئېلان سۈزۈش قوراللىرىنى ئىشلەتكۈچى سانىمۇ تەخمىنەن144 مىليونغا يەتكەن.


PageFair بايقىشىچە، كۆپ قىسىم ئېلان سۈزۈش دېتالىرىنى ئىشلەتكەن ئابۇنتلار ئېلان شەكلى كىچىك بولغان ئېلانلارنى قوبۇل قىلالايدىكەن، ئەمما سەكرەپ چىقىۋالىدىغان چوڭ ئېلانلارنى قوبۇل قىلالمايدىكەن.تەكشۈرۈشتە 1/5 ئابۇنتنىڭ ھەق تۆلەپ تور بېكەتنىڭ ئالىي مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشقا رازى ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئېلان كۆرمەسلىك ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
03-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek