ئارىزونا شىتاتىدا جۇڭگولۇق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئايال تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىك ئۇچۇرى كىشىلەرنى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا ئويغا سالدى. شۇ يەر ۋاقتى 22-يانۋار لوسئانژىلىستا يەنە جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ تاغىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئېگىلىنىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىككى ئوغۇل بالا بولۇپ، بىرى 15 ياش، يەنە بىرى 16 ياشلىق ئىكەن. بالىلارنىڭ تاغىسى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى، دەپ قارالغان، لېكىن ھازىر جوڭگۇغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپ بولغان. ھازىر ساقچى تەرەپ ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان . ساقچىلار نەق مەيداندا زىيارەت قىلىۋاتقان « مۇھاجىرلار گېزىتى» مۇخبىرىغا بىلدۈرىشىچە، بۇ ئىككى جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى جوڭگۇ پۇقراسى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved