تورداش 11- يانۋار «سىنا» مىكروبىلوگىدا چىقىرىلغان توي كۆچۈرۈش ئۈچۈن بېزەلگەن كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ سۈرىتى نۇرغۇن تورداشنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭدا سېرىق رەڭلىك بىر كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئالدى ئەينىكىنىڭ ئۈستىگە «520» رەقىمى چاپلانغان، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە قىزىل گىلەم سېلىنغان، تۇتقۇچلىرىغا گۈل ئورالغان، ئاپتوبۇسنىڭ سىرتى شار ۋە ھال رەڭلىك يىپەك لېنتا بىلەن زىننەتلەنگەن.
مۇخبىر يېقىندا بۇ توي كۆچۈرۈش ئۈچۈن بېزەلگەن كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاممىۋى قاتناش 2- تىجارەت بۆلۈمى 16- ئەترىتىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 10- يانۋار ئەتىگەندە، توي يىگىتى دوستلىرى بىلەن شىركەتنىڭ ليۇداۋان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ، بۇ كوچا ئاپتوبۇسىنى ئىككى سائەتچە بېزىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دە، دوستلىرى بىلەن بۇ توي كۆچۈرىدىغان كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ليۇداۋاندىن تۆشۈكتامغا قىز كۆچۈرگىلى بارغان. توي كۆچۈرىدىغان كوچا ئاپتوبۇسى تۆگىدەڭ، ئاققوۋۇق، دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئاۋات يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلغان. كۆپچىلىك بەس - بەستە سۈرەتكە تارتقان. چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە، توي كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ تىجارىتى ئەسلىگە كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىنى 2- قېتىم توي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى قىلىشى بولۇپ، ئىلگىرى شىركەتنىڭ بىر خادىمى توي قىلغاندا، كوچا ئاپتوبۇسىنى توي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى قىلىپ بېزىگەن. كوچا ئاپتوبۇسىنى ئىجارىگە بېرىش كوچا ئاپتوبۇس لىنىيەسىنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر قىلامدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىكى بىر خىزمەتچى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «كوچا ئاپتوبۇسىنى ئىجارىگە بېرىش دىسپىتچىر ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، نورمال بولغان لىنىيە تىجارىتىگە تەسىر قىلمايدىكەن».
سۈرەتلەردە: توي كۆچۈرۈش ئۈچۈن بېزەلگەن كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى كۆرۈنۈشى.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved