بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىزى ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىق خاتىرە كۈنى . شۇ كۈنى كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسى چىڭداۋنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ‹دېڭىزدىكى ھەمكارلىق 2014›ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزگەن ئىدى .
سەككىز دۆلەتنىڭ 19 ھەربىي پاراخوتى ،يەتتە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ،ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۈچ چوڭ بىرلەشمە سەپ تۈزۈپ مانېۋېر قىلغان،كۆلىمى مىسلىسىز چوڭ بولدى ، بۇ قېتىمقى مانىۋېردىكى ئاساسلىق ئىككى تۈر بۇلاڭچىلىققا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ۋە بىرلەشمە قۇتقۇزۇش بۇلۇپ ، كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ،بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانىۋېرغا قوماندانلىق قىلىدىغان ھەربىي پاراخوت جۇڭگودىكى تۇنجى پاراخوت دەپ ئاتالغان ‹خاربىن ›ناملىق ھەربىي پاراخوت بۇلۇپ ،جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىككىنچى ئەۋلاد باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوت ،ئۇنىڭ قورال -ياراغ ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ،بولۇپمۇ قوماندانلىق قىلىپ كونترول قىلىش سىستېمىسى ئىنتايىن ئىلغار بۇلۇپ ، قىرغاق دېڭىز ،بوشلۇق قاتارلىق كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلالايدۇ .
مانېۋېر مۇنداق ئېلىپ بېرىلدى :
‹خاربىن ›ناملىق پاراخوت ‹پاناما ›ناملىق يۈك پاراخوتىغا تەقلىد قىلىنغان ‹شۈنخۇا ›ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئۇچرىدۇق دەپ تارقاتقان سىگىنالنى تاپشۇرۇۋالدى ،15 پاراىوت خادىمىنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق ،ھازىرقى ئورنى شىمالىي كەڭلىك 35 گىرادۇس 45 مىنوت ، شەرقىي مېرىئان 120گىرادۇس 36 مىنوت دەپ خەۋەر بېرىلدى ، سىگىنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئەتراپتا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خاربىن ناملىق پاراخوت بىلەن باشقا ئىككى ھەربىي پاراخوت ھىندىستاننىڭ ‹ شىۋارىت ›ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى بىلەن ھىندونوزىينىڭ ‹تەنچىنا › ناملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى بىرلەشمە سەپ تۈزۈپ ،ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەسىگە يىغىلدى ،ھىندىستان پاراخوتى F47تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى شىنخۇا ناملىق پاراخوتنى رازۋېتكا قىلىپ ، ئۇچۇرلارنى تېزلىكتە قوماندان پاراخوتقا يەتكۈزۈپ بەردى ،ئۇچقۇچىلار كۆرۈش سېزىمىغا تايىنىپ ، يولۇچىلار دېڭىز پاراخوتىنىڭ ئۈستىدە ئالتە نەپەر دېڭىز قاراقچىسى بارلىقىنى ،ئايرىم -ئايرىم ھالدا ، ئالدى ۋە كەينى پالوبىدا بىردىن ، ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ ئۈستىدە ۋە ئىچىدە بىردىن بارلىقىنى ئوتتۇر پالوبىدا ئىككىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ AK47 تىپلىق پىلىموت ۋە تاپانچىسىدىن باشقا قورال يوقلىقىنى بايقىدى ،مانېۋردا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قولىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار يوق ،قولىدا قورال -ياراغنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى چەكلىك بولغاچقا ، قورال كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئۇيغۇن ، ئۈچ پاراخوت دەرھال بۇلانغان پاراخوتنى مۇھاسىرىگە ئالدى .ھەم زەربىدار ئەترەت ئەۋەتىشنى قارار قىلدى .
‹ بۇ خەلقئارالىق دېڭىز قوغدىغۇچى سەپ ، سەن قورشاۋدا قالدىڭ ،قورالنى تاشلاپ دەرھال چېكىن ›دېيىش ئارقىلىق پاراخوت بۇلىغۇچىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى . ئوق ئېتىش دەۋەت قىلىش ، سىگنال بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن ،بىرلەشمە سەپ ، بۇلانغان سودا پاراخوتى ئالدىدىكى ھىندىستان پاراخوتىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ، د ېڭىز قاراقچىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇشىنى قارار قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،ئېلىمىزنىڭ ‹ خاربىن ›ناملىق پاراخوتى ۋە ھىندىستاننىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى ئىككى كاتىر ئەۋەتتى ،ھەر بىر كاتىردا زەربىدار ئەترەتنىڭ ئوندىن ئەزاسى بار بۇلۇپ ،ئۇلار پاراخوتنىڭ ئىككى تەرىپىدىن پاراخوت ئۈستىگە چىقتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ پاراخوتتىكى دېڭىز قاراقچىسىنى بويسۇندۇردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved