جۇڭگۇخەۋەرلەرلىنىيەسى تورىنىڭ 12-دېكابىر خەۋىرى: گۇگۇل تەرجىمانى بىر مەزگىل «ماشىنا تەرجىمانى» نىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىپ، تەسىر دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىغان ئىدى. ھازىر گۇگۇل تەرجىمانىغا يېڭىدىن ئون تىل قوشۇلدى.
يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ ئون تىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىچېۋا تىلى، مالاگاسى تىلى، سېسوتو تىلى، مالايالام تىلى، بېرما تىلى، سىنخالا تىلى، سۇدان تىلى، قازاق تىلى، تاجىك تىلى، ئۆزبېك تىلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر گۇگۇل تەرجىمانى قوللايدىغان تىللارنىڭ سانى 90 غا يەتتى. يېڭىدىن قوشۇلغان ئون تىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 200 مىليون نوپۇسنى قاپلايدۇ، بۇ تىللار ئارىسىدا ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.
تور بەت نۇسخىسىدىكى گۇگۇل تەرجىمانى نۆۋەتتە يېڭى قوشۇلغان بۇ ئون تىلنى قوللايدۇ، كۆچمە نۇسخىدىكىسى دېتال يېڭىلانغاندىن كېيىن قوللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved