سوۋگۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .لىۋىيە ھەربىي تەرەپ خەۋەردار زاتىنىڭ ئاشكارلىشىچە دىنىي خەلق قوراللىق تەشكىلاتى لىۋىيە سەھىرى بىلەن .ئەنسەر برېگادىسى شۇ كۈنى ئەتىگەن سۇرت ئەتراپىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قوغداۋاتقان 136 ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ،19 ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى ئېتىشىش جەريانىدا يەنە بەش نەپەر ئەسكەر قازا قىلغان ،نۆۋەتتە دىنىي خەلق قوراللىقلىرىنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىللە دىنىي خەلق قوراللىقلىرى بىلەن لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان قوراللىقلار شۇ كۈنى لېۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىش پورتى چىدرادا قاتتىق ئېتىشقان .بىر ماي باكىغا مىناميوت ئوقى تېگىپ كېتىپ پارتىلاپ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ لىۋىيە سەھىرى بىلەن ئەنسار برېگاداسى چېدرا رەئىس لانوف قاتارلىق نېفىت پورتلىرىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان قوراللىقلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن زو ركۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى .نۆۋەتتە بۇ ئىككى نېفىت پورتى مەجبۇرىي تاقالدى .
لىۋىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباپىنىڭ 25-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە لىۋىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سۇرت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم شۇ كۈنى دىنىي خەلق ئەسكەر قوراللىقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندىمۇ 18 ئەسكەر ئۆلگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەرباپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا دىنىي خەلق ئەسكەر خەلق قوراللىقلىرى «لىۋىيە سەھىرى» ۋە «ئەنسار برىگادىسى»نىڭ شۇ كۈنى سەھەردە سۇرت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىنى قوغداشقا مەسئۇل 136-پىيادە ئەسكەرلەر لاگېرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ 14 ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئارقىدىنلا ئىككى تەرەپنىڭ ئېتىشىشىدا يەنە تۆت ئەسكەر ئۆلگەن. ھازىرچە دىنىي خەلق ئەسكەر قوراللىقلىرىنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىنىي خەلق ئەسكەر قوراللىقلىرى بىلەن لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان قوراللىقلار شۇ كۈنى لىۋىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكىسپورت پورتى سىدرا پورتى ئەتراپىدا كەسكىن ئېتىشتى. بىر ماي ساقلاش باكىغا راكېتا ئوقى تېگىپ ئوت كەتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ «لىۋىيە سەھىرى» ۋە «ئەنسار برىگادىسى» لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان قوراللىقلارنىڭ قولىدىن سىدرا، رەئىس لانۇف قاتارلىق نېفىت ئېكىسپورت پورتلىرىنىڭ كونتوروللۇق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت قوزغىدى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى نېفىت ئېكىسپورت پورتى ئامالسىز تاقالدى.
نېفىت لىۋىيە ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈۋرۈكى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ %95 تىن ئارتۇق ئېكىسپورت كىرىمى نېفىتتىن كېلىدۇ. ئالدىنقى ئايدا «لىۋىيە سەھىرى» قوراللىقلىرى لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك سالالا نېفىتلىكىنىڭ كونتوروللۇق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. 13-ئىيۇلدىن بۇيان ئايرىم ھالدا دىندىن خالىي كۈچلەر ۋە دىنىي كۈچلەرنى قوللايدىغان قوراللىقلار ئوتتۇرىسىدا پايتەخت ترىپولى، 2-چوڭ شەھەر بەنغازىدا ئۈزلۈكسىز زوراۋانلىق توقۇنۇشى پارتلىدى. «لىۋىيە سەھىرى» قوراللىقلىرى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ترىپولىنىڭ كونتوروللۇق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلاشقان خەلق پارلامېنتىنى قايتا يۈلەپ تۇرغۇزدى ھەمدە «ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتى» قۇردى. لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت-خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئامالسىز شەرقىي قىسىمدىكى كىچىك شەھەر تۇبرۇققا كۆچتى. لىۋىيەدە شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككى ھۆكۈمەت، ئىككى پارلامېنت تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
لىۋىيەدىكى نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ پورت – سىدرا پورتىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، لىۋىيەدىكى ئىككى خىل مەزھەبتىكى خەلق ئەسكەرلىرى 13 – چىسلا سىدرا پورتى ئەتراپىدا كەسكىن توقۇنۇشتى، ھازىر توقۇنۇش ھېلىھەم سىجىل داۋاملاشماقتا.
دىننى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق تەشكىلاتى «لىۋىيەدىكى سەھەر» نىڭ، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كوماندىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى، دەھرىيلەر (دىنسىزلار) نى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق تەشكىلاتى «سېرىناكا مۇداپىئە ئارمىيەسى» قولىدىن سېدرا پورتىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالدۇق، «لىۋىيەدىكى سەھەر» قوراللىق تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان ئېدى.
«سېرىناكا مۇداپىئە ئارمىيەسى» لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرى ساكېر نولۇش مۇنۇلارنى دەلىللەپ بەردى، ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى كۈرەشچى ئايرۇپىلان ۋە تىك ئۇچارلارنى ئىشقا سېلىپ، سېدرا پورتىغا يېقىن كېلىدىغان، «لىۋىيەدىكى سەھەر» قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، ھەمدە مەزكۇر قوراللىق تەشكىلاتنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇب قىلدى. «سېرىناكا مۇداپىئە ئارمىيەسى» نىڭ كوماندىرى ئىبراھىم گاسلان شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى، گەرچە سېدرا پورتى ھازىر يەنىلا «سېرىناكا مۇداپىئە ئارمىيەسى» نىڭ كونترۇللىقىدا بولسىمۇ بىراق توقۇنۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.
نېفىت لىۋىيەنىڭ ئىقتىساد قان تومۇرى ۋە تۈۋرۈكى، لىۋىيەنىڭ %95 تىن ئارتۇق ئېكىسپورت كىرىمى نېفىتتىن كېلىدۇ. سېدرا پورتى لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان پورتى. ئالدىنقى ئايدا، «لىۋىيەدىكى سەھەر» قوراللىقلىرى لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك سالالا نېفىتلىكىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ئېدى.
7 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن بۇيان، ئايرىم ئايرىم ھالدا دەھرىي كۈچلەر بىلەن دىنىي كۈچلەرنى قوللايدىغان ئىككى قوراللىق تەشكىلات پايتەخت ترىپولى، 2 – چوڭ شەھەر بەنغازى قاتارلىق شەھەرلەردە داۋاملىق توقۇنۇشتى، لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت – مىللىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى شەرقتىكى كىچىك شەھەر تۇبرۇگقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. دىنى كۈچلەرنى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى «لىۋىيەدىكى سەھەر» ترىپولىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاللىقاچان توشۇپ قالغان مىللىي پارلامېنتنى قايتا يۆلەپ، «دۆلەت قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتى » تەشكىللىدى. لىۋىيەدە شۇندىن ئېتىۋارەن ئىككى ھۆكۈمەت، ئىككى پارلامېنت تىركىشىپ تۇرۇدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
10 – ئايدىن بۇيان، لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان، لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى خافتار قوراللىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەھرىيلەرنى قوللايدىغان بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ، دىنىي كۈچلەرنى قوللايدىغان قوراللىقلار ئىشغالىيىتىدىكى رايونلارنى تارتىۋالماقچى بولدى. ھازىر، لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى بەنغازىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى تارتىۋالدى. 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پايتەختنى يېڭىۋاشتىن تارتىۋالىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ جايلاردىكى «لىۋىيەدىكى سەھەر» تەشكىلاتنىڭ تايانچ نوقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved