شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 27- ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر بۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: چەت ئەللىك تاجاۋۇزچىلار ئافغانىستاندىن تولۇق چىقىپ كەتسىلا، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەرقانداق نامدا بەلگىلىك ھەربىي قىسىمىنى ئافغانىستاندا قالدۇرۇش ئىشغالىيەت ۋە ئۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ».
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تېخى رەسمىي ئىمزالانمىدى. ئۆمەر ئافغانىستاننىڭ ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتىنى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىماسلىققا مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved