شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى

شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ فۇپىڭدىن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى.


  1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى كوممۇنىسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سىنتېز كەسپىدە ئوقۇغان، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جېڭدىڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈمىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ، نىڭدې شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجۇ شۆبە ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان، 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.


2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى زەمبىرەك زاپاس دىۋىزىيەسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئارىلىقتا، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش سىنىپىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2002-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2010-يىلىغىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2012-يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.


  15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى بولغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-سانلىق يىغىنىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.



خەتكۈچلەر:
04-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek