2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋەر، بىر كېنجى فۇجىموتو ئىسىملىك ياپونىيەلىك ئەر كىم جۇڭئۇل ئائىلىسىگە 10 يىل ئاشپەز بولغان. بۇ كىشى مەخسۇس ياپونچە تاماق قىلىدىغان ئاشپەز بولۇپ، توكيودا تۇغۇلغان. 1982-يىلى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن پىيوڭياڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇ شۇسىغا ناھايىتى ئۇستا بولغاچقا، ياپونچە تاماق ياقتۇرىدىغان كىم جۇڭئۇلنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1989-يىلى كىم جۇڭئۇلنىڭ مەخسۇس ئاشپىزى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە كىم جۇڭئۇل تەرىپىدىن كىم جۇڭئۇن ۋە كىم جۇڭچولنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ياپونىيەلىك كىشىنىڭ كىم جۇڭئۇل ئائىلىسىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى بىلىشى غەلىتىلىك ئەمەس.
كېنجى فۇجىموتونىڭ ئېيتىشىچە، كېيىن تەختكە چىققان كىم جۇڭئۇن ناھايىتى ئەقىللىق كىشى بولۇپ، ئۆگىنىشتىمۇ ناھايىتى تىرىشچانكەنتۇق. ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى سەھەردە، كىم جۇڭئۇن مېنىڭ ياتىقىمغا كىردى، ئۇ چاغدا مەن تېخى كارۋاتتا ياتاتتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگودىن ئۆگىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا ئەمدى 17 ياشقا كىرگەن كىم جۇڭئۇننىڭ بۇنداق ئوي-پىكىرلەردە بولالايدىغانلىقىنى مەن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.
كېنجى فۇجىموتو بولسا كىم جۇڭئۇن سەككىز ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بۇ كىشى 2010-يىلى بىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئىسمى «شىمالىي چاۋشىيەننىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىسى كىم جۇڭئۇن» ئىكەن. كىتابتا: بىر قېتىم كىم جۇڭئۇن خەنزۇچە خەت ئۆگىنىۋاتقاندا، بىر خەتنى ھەمىشە ياخشى يازالمىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاپىسى كېلىپ ئۇنىڭغا: جۇڭئۇن سەن چوقۇم ئۆزۈڭ تەپەككۇر قىلىشىڭ كېرەك، دېدى. بۇ چاغدا كىم جۇڭئۇن: ماقۇل مەن چوقۇم ياخشى يازىمەن، دەپ باش لىڭشىتتى.
كېنجى فۇجىموتونىڭ نەزىرىدە، كىم جۇڭئۇن ئۇنىڭ ئاكىسى كىم جۇڭچولغا قارىغاندا مىجەزى شوخ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كىچىكىدىن تەشكىللەش ئىقتىدارى بار ئىكەن. ھەر قېتىم دوستلىرى بىلەن توپ ئويناپ قايتقاندا، ئۇ ھەمىشە بالىلارنى يىغىۋېلىپ كىمنىڭ بۇ قېتىملىق توپ ئويناشتا ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىدىكەنتۇق. مەسىلە بولسا زادى نەدىن چىققانلىقىنى ئويلىنىدىكەنتۇق. ئۇ يەنە باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئۇقىدىغان بولۇپ، دوستلىرى چۈشكۈن بولۇپ قالغاندا، يەيدىغان نەرسىلەرنى بېرىپ كەيپىياتىنى كۆتۈرمەكچى بولىدىكەنتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ دوستلىرى ئارىسىدىكى يۈز-ئابرويى يۇقىرى ئىكەن. رەسىمدە، كىم جۇڭئۇن كېنجى فۇجىموتوغا رەسىم بېرىپ، باشقىلارغا قەتئىي ئېيتىپ قويماڭ، دېگەن.
1996-يىلى، كېنجى فۇجىموتو ياپونىيەگە ياپونچە تاماقلارنىڭ خۇرۇچلىرىنى ئالغىلى بارغان. بۇ چاغدا ئۇ ياپونىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن»دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن يەنە شىمالىي چاۋشىيەنگە قايتقان. لېكىن 1998-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ نەرسە سېتىۋالغاندا، ئوغرىلىقچە ياپونىيە ساقچى نازارىتىدىكى بىر بۆلۈم باشلىقىغا تېلفون قىلغان، بۇ ئىش كېيىن شىمالىي چاۋشىيەن تەرىپىدىن سېزىلىپ قالغان ۋە بۇ كىشى نەزەربەند قىلىنغان. لېكىن 2001-يىلى، كېنجى فۇجىموتو ئۆزىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئۆلتۈرۋېتىلىش مۇنكىنچىلىكى بارلىقىنى پەرەز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 2001-يىلى بۇ دۆلەتتىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
2012-يىلى، كېنجى فۇجىموتو چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغان، شۇنىڭ بىلەن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى پىيوڭياڭغا زىيارەتكە بارغان. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلىتىگە قايتقان. بۇ ئارىلىقتا ئۇ جۇڭگو پايتەختى بېيجىڭدا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاز بولمىغان كىچىك نۇقتىلارنى ئاشكارلىغان ھەمدە تولۇقلاپ: «كىم جۇڭئۇن ماڭا خالىغاندا چاۋشىيەنگە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن، دېدى»دېگەن. كىم جۇڭئۇل ئائىلىسىنىڭ ئاشپىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېنجى فۇجىموتو قەستلەپ ئۆلتۈرلۈشتىن قورقۇپ، چېگرىدىن چىققاندا ھەمىشە قارا كۆزەينەك تاقاپ يۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved