تۈركىيە تەكىر تاغنىڭ قاپاقلىق رايۇنىدىكى غايىپ بولۇپ بىر كۈندىن كېيىن ئورمانلىق دائىرسىدە جەستى تېپىلغان 25ياشلىق ئايقۇت بىركەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى دوستى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان . ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ئۇنىڭ 19ياشلىق يۇنۇس ۋە ئۆمەر ئىسىملىك دوستلىرى قاتىللىق قىلىپ ھېچ ئەيمىنمەي ئايقۇتنقڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان . ئۇلار كېيىن ئېنىقلانغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان .
قاياقلىق ساقچىخانىسى تاپانچا بىلەن ئېتىلىپ باشى ئېزىلىپ كەتكەن ۋە سول قولى جەينىكىدىن كېسىلگەن ئايقۇتنىڭ جەستىنى تېپىپ بۇ دېلونى تىزلا بىر تەرەپ قىلغان .
كىملىكى يېنىدىن چىققان ئايقۇت بىركە سالاھىيتى تىزلا ئېنىقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇنۇس ۋە ئۆمەر ئىسىملىك ئىككى گۇمانلىق دوستى ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان . ج خ ئىدارىسىدە سوراق قىلىنىپ سوت مەھكىمسىگە يوللانغان بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارلىرى ئۆلگۈچى ئايقۇت بىركەنىڭ دوستى ئۆمەرگە تەۋە بولغان تاپانچىدىن چىققان ئوق بىلەن ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان . بۇ ئىشنى قىلغاندىن كېيىن قورقۇپ كەتكىنجىنايەتچىلەر ئايقۇتنىڭ جەستىنى ئورمانلىققا كۆمۈپ ، ۋەقەدە قوللانغان تاپانچا ۋە ئۆلگۈچىنىڭ يانفۇنىنى يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان ۋە نەگە كۆمگەنكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
ۋەقەدىن كېيىن جىناياتچىلەر ئۆلگغچىنىڭ يانفۇنىدىن ئۆزلىرىنىڭ يانفۇنىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ بۇ دېلونىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان، بۇ ئىككى جىناياتچىلەرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلسىگە بېرىپ دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا داخىل بولغانلىقى مەلۇم بولغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved