30–ئىيۇل ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 225 بېلەت قوشۇلۇش ، 201 بېلەت قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى تەكلىپ لايىھەسىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئاۋام پالاتا باشلىقى بونېرنىڭ زۇڭتۇڭ ئوباما مەمۇرىي ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندى ، دەپ ئەرز سۇنۇشىغا رەسمىي ھوقۇق بەرگەن .
تەكلىپ لايىھەسىدە بونېرغا ئوباما ياكى باشقا مەمۇرىي ئورۇن ئەمەلدارلىرى داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەمۇرىي ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندى ، دەپ ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بېرىلىپ ، ئاۋام پالاتاسى قانۇن مەسلىھەت ئىشخانىسى ئاۋام پالاتاسىغا ۋەكىل بولۇپ ئەرز سۇنۇشى ، ياكى دەۋالىشىشقا ئارىلىشىشى ، ياكى سىرتتىن قانۇن مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىپ دەۋاغا ئارىلاشتۇرىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن .
بونېر مۇنداق بىلدۈردى ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدۇق ، بۇ ھەرگىزمۇ بىر پارتىيەنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىق ئەمەس .
تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ، ئاۋام پالاتاسى قانۇن–بەلگىلىمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساسسېنس مۇنداق بىلدۈردى ، ئوباما ‹‹ بەك يىراقلاپ كەتتى ›› ، ئۇ ئاساسىي قانۇننىڭ تەلىپىنى كۆزگە ئىلمىدى ، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved