بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 4G+ تورى رەسمىي ئېلان قىلىندى: 2GB كىنونى بىر مىنۇتتا چۈشۈرگىلى بولىدۇ

     بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بېيجىڭدا «ۋو 4G+» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچقان. جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گوروھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شىياۋچۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق تور سۈرئىتىنى يېڭىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى 4G تور سىگنالى بىلەن قاپلىنىشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور سۈرئىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ۋە تېلېفوندا سۆزلەشكەندىكى ئاۋاز سۈپىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك 4G تورىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


ۋاڭ شىياۋچۇنىڭ دېيىشىچە، «ۋو 4G+» لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئوموميۈزلۈك ھالدا 4G تورىنى قۇرۇش، 4G تورى دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئوموميۈزلۈك ياخشىلاش، يېڭى كەسپ، يېڭى مەھسۇلات ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەڭ ئابونتلارنىڭ خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىگە بولغان ھەر قاتلاملىق ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرۇش شۇنداقلا خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى رەسمىي تۈردە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 4G+ تورىنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300Mbps دىن ئېشىپ كېتىدىكەن، يوللاش سۈرئىتى 75Mbps دىن ئاشىدىكەن. كۆپ توشۇغۇچى دولقۇننى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، تور سۈرئىتى كەلگۈسىدە پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يۇقىرى بولغاندا 1Gbps گە يەتكۈزۈلىدىكەن. 300Mbps لىق تور سۈرئىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ئابونتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقىي مەنىدىكى سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى فىلىملەرنى يانفونىدا بىمالال كۆرەلەيدىغان يېڭى بىر كۆچمە تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل تور سۈرئىتىدە، چوڭلۇقى 2GB بولغان بىر كىنونى چۈشۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىر مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، 10MB لىق ھۆججەتنى يوللاش ئۈچۈن بىر سېكونت ۋاقىت كېتىدىكەن.

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق ئابونتلارغا قارىتا ئاۋاز ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن. ۋاقتى كەلگەندە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەندىكى ئاۋاز سۈپىتى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
08-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek