يەر شارى ۋاقىت گېزىتنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى، يېقىندا مانىلادىكى جۇڭگولۇقلار تورىدا بىر جۇڭگولۇق قىزنىڭ فىلىپپىن ئايرىدرومىدا تۆت كاچات سېلىنغانلىق سېن كۆرنۈشى تارقىلىپ كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق غەزىپنى كەلتۈرىدى.6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى كونسۇلى چىيۇجىيەن قاتارلىق كىشلەر فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسگە بېرىپ كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ 5-چېسلا ئەتتىگەن يۈز بەرگەن مەزكۇر ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرشىنى تەلەپ قىلغان.6-چېسلا كەچ سائەت 6 دە،يەرشارى ۋاقىت گېزىتنىڭ مۇخبىرى تېلفۇن ئارقىلىق باشقىلار تەرپىدىن كاچاتلانغان جۇڭگولۇق قىز بىلەن ئالاقىلاشقان ۋاقىتتا ئۇ ئايرىدىرومنىڭ قاماق ئۆيىدە بۇلۇپ ،شۇ كۈنى سەل كەچتىن كىيىن فىلىپپىن تەرەپ بۇ قىزنى جۇڭگو تەرەپكە قايتۇرۋېتىشنى ياكى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئەمما مۇخبىرنىڭ بۇ قىزغا ئۇرغان تېلفۇنى باشتىن -ئاخىرى ئۇلانمىغان.‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››مۇخبىرنىڭ فىلىپپىن تەرەپتىن ئىگەللىشچە بۇ قىز ئاللىقاچان جۇڭگۇ تەرەپكە قايتۇرۇلغان.
بۇ جىياڭ فامىللىك قىزنىڭ ئاشكارلىشچە، ئۇ 5-ئاينىڭ4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 ئەتراپىدا ئايروپلانغا ئولتۇرۇپ مانىلا ئاجىنو خەلقئارا ئايرىدرومىغا يىتىپ بارغان ،تاموژنىدىن ئۆتىۋاتقاندا فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ خادىمى ئۇنى سوراققا تارتىپ كەتكەن،چۈنكى ئۇنىڭ پاسپورتىدا بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم فىلىپپىن چېگراسى ئىچىدە داۋاملىق تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغانلىق تامغىسى بار ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ خادىملىرى ئۇنى فىلىپپىندا قانۇنسىز ئىشلىگەن دەپ يامان كۆرۈپ جۇڭگوغا قايتۇرۋەتمەكچى بولغان.جىياڭ فامىلىك خانىم بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارامسزلىق ھىس قىلغان ، گەرچە ئۇ ئىلگىرى راستلا فىلىپپىندا خىزمەت قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما بۇ قېتىم راستىنلا ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن.بۇندىن سىرىت پاسپورتتىكى ۋىزا تامغىسنىڭ كۆپ بۇلشىغا تايىنىپلا ئۇنى جۇڭگوغا قايتۇرۋىتىش قانۇن -تەلەپلەرگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن،شۇنىڭ بىلەن جىياڭ خانىم كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ خادىملىرى بىلەن سۆزلەشكەن،بىراق كۆچمەنلەر ئىدارىسنىڭ خادىملىرى بۇ ۋاقىتتا ئۇنى باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
كىيىن بىر ‹‹كۆك رەڭلىك خىزمەت فورمىسى ››كىيگەن كىشى ئۇنى مەجبۇرى سۆرەپ ئايرىدىرومنىڭ قاماقخانىسغا ئەكىلىپ جۇڭگوغا قايتۇرۋەتمەكچى بولغان.جىياڭ فامىللىك خانىمنىڭ دىيشىچە،قايتۇرلۇشنى كۈتۈش رايونىدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كىشى بار بۇلۇپ بىرى جۇڭگولۇق يەنە بىرى ۋىتناملىق ئىكەن ھەم تازلىق شارائىتىمۇ ئىنتايىن ناچار بۇلۇپ يەنە بىر كۈزەتچىنىڭمۇ ئەر بۇلۇشى جىياڭ خانىمنىڭ بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىقشىغا سەۋەب بولغان.ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇ سەھەرگىچە ساقلاپ چىداپ بۇلالماي ئېغىر ھارغىنلىق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىق كەيپىياتىدا سىرىتقا چىقىپ ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان.جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى كونسولى چىيۇجىيەن 6-چېسلا كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ باشلقى مىشۈنگە بىلدۈرىشچە،ئەلچىخانا تەرەپ كۆچمەنلەر ئىدارسنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە ئاساسەن ئىش كۆرشىنى چۈشنىدۇ ھەم ھۆرمەت قىلدۇ بىراق بۇنداق قوپال زوراۋانلىق قىلمىشغا قارىتا ئەلچىخانا تەرەپ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ،بىز ھەرگىز بۇ خىل قىلمىشنى قۇبۇل قلالمايمىز ،كۆچمەنلەر ئىدارىسى چۇقۇم بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ مەسئۇل كىشلەرنى جازالىشى كىرەك دەپ كۆرسەتكەن.
مىشۈننىڭ بىلدۈرىشچە،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرى ئاللىقاچان تەكشۈرۈشنى باشلىغان.ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن فىلىپپىنغا كەلگەن كىشىلەر چۇقۇم كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۇلۇق ئەمەل قىلشى لازىم، فىلىپپىن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى چۇقۇم ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈپ ،قانۇنغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كىرەك ،ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپلا قالسا كۆچمەنلەر ئىدارىسى چۇقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved