كاجال ئاگاراۋال 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بومبايدا تۇغۇلغان، تامىل ۋە تېلېگۇ تىلى فىلىم ساھەسىدىكى داڭدار چولپان. ئۇ كەسپىي ھاياتىنى بوللىۋودتا باشلىغان بولۇپ، 2004-يىلى فىلىم «Kyun! Ho Gaya Na...»دە ئاشۋارىيە راينىڭ سىڭلىسىنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ بىر بوللىۋود فىلىمدىن كېيىنلا كاجال جەنۇبىي ھىندىستان فىلىمچىلىقىغا يۈرۈش قىلغان. 2007-يىلى ئۇ ئىشلىگەن تامىل تىلىدىكى فىلىم «Lakshmi Kalyanam» قويۇلغان، شۇ يىلى ئۇ رول ئالغان فىلىم «Chandamama» زور بېلەت كىرىمى مۇۋەپپەقىيىتى ياراتقان. ئۇ 2009-يىلى رام چاران بىلەن باش رولغان فىلىم «قەھرىمان » (Magadheera) غايەت زور بېلەت كىرىمى يارىتىپ تارىختىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تېلېگۇ تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن كاجال ئاگاراۋالمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلۇپ ھەقىقىي كىنو چولپىنىغا ئايلانغان. بۇ فىلىمدىن كېيىن كاجال يەنە بىر تۈركۈم زور سودا كىرىمى ياراتقان تېلېگۇ تىلىدىكى فىلىملەردە رول ئالغان.
كاجال يەنە تامىل تىلىدا فىلىم ئىشلەشكىمۇ قاتناشقان، ئۇ «قېرىنداشلار» (2012)، «قورال» (2012-يىلى )، «رايون» «2014-يىلى ) قاتارلىق فىلىملەر ئارقىلىق تامىل كىنو ساھەسىدىكىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايال ئارتىسىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ 2011-يىلى بوللىۋودقا قايتىپ كەلگەن، ئۇ ئاجەي دېۋگان بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «Singham»، ئاكشاي كۇمار بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «ئالاھىدە 26» بېلەت كىرىمى مۇۋەپپەقىيىتى ياراتقان.
2015-يىلى كاجال باش رول ئالغان ئۈچ فىلىم قويۇلدى، ئۇ ماخېش بابۇ بىلەن ھەمكارلاشقان چوڭ فىلىم «Brahmotsavam» بۇ يىل 4-ئايدا قويۇلىدۇ، كاجال ھازىر بۇ يىل قويۇلىدىغان ئۈچ فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشكە قاتناشماقتا.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved