سىلەردىن ئۆچىمىزنى تېزلا ئالىمىز

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ روسىيەنىڭ ئېنىرگىيە ساھەسىنى جازالىشىنىڭ تەدرىجىي ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا جازالاش تەدبىرى روسىيەنىڭ نېفىت تەبئىي گاز ساھەسىگە تۇراقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا جازالاشتىن كېلىپ چىققان مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى كەمچىللىك روسىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، روسىيەنى نېفىت ساتالماسلىق قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

 

روسىيە دۇنيادىكى 2-چوڭ نېفىت ئېكىسپورت دۆلىتى ۋە يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز ئېكىسپورت دۆلىتى. ئېنىرگىيە ساھەسى روسىيەنىڭ ئاساسلىقى ئىقتىساد جان تومۇرى، ئۆتكەن 15 يىلدا روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، روسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن باشلاپ روسىيە خام نېفىتىنىڭ كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون تۇڭدىن ئېشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى.


بىراق قىسمەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىدە بىر تەرەپتىن سىبىىرىيىدىكى ئەنئەنىۋى نېفىتلىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۈنسايىن تۆۋەنلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن باج سىياستىنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار شىمالى قۇتۇب رايونىدىكى يېڭى نېفىتلىكنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ لېكىن مادارسىز ھالەتتە تۇرماقتا.

 

بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەكىس تەسىر روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى جەزمەن ئاستىلىتىدۇ . روسىيەنىڭ 2-چوڭ نېفىتلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2015-يىلىدىن باشلاپ تۆۋەنلىشى مۇمكىن. خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، كېلەر يىلى روسىيەنىڭ كۈنلۈك خام نېفىت مەھسۇلاتى 90 مىڭ تۇڭ ئازىيىدىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، غەربنىڭ جازاسى روسىيە نېفىت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە يېڭى تېخنىكىغا ئىگە بولۇش يوللىرىنى چەكلەيدىكەن. بۇ خام نېفىت قىزىشتا ئىنتايىن مۇھىم .

 


ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ جازاسى روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت كارخانىسى روسىيە نېفىت شىركىتى ، روسىيە نېفىت تۇربا يولى توشۇش شىركىتى، روسىيە تەبئىي گاز سانائىتى نېفىت شىركىتى قاتارلىق ئېنىرگىيە ماگناتلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشىنى چەكلىدى. چوڭقۇر سۇ ئاستىدا نېفىتلىك ئېچىش، شىمالىي قۇتۇبتا نېفىت قىدىرىش، روسىيەنىڭ سىلانتىس نېفىت تۈرى جەھەتتە ياۋۇرپا ئەللىرى ئىتىپاقى بۇرغۇلاش، قۇدۇق سىنىقى ، ئۆلچەش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

 

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش جەھەتتىكى چەكلىمە مەبلەغ سېلىش سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. روسىيە مەبلەغ سېلىش قەھۋەخانىسى مۇستەقىل تەتقىقات شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە تەھلىلچىسى گىرىگورى بىرگى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز ھازىرقى ئەھۋال بولماستىن، بىر قانچە يىلدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئۇ مۇنداق دېدى: سىبىرىيىنىڭ ئەنئەنىۋى نېفىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋى تېخنىكىسىغا تاينىدىغان بولغاچقا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 


بىراق روسىيە نېفىت شىركىتى مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىركەتنىڭ ئامېرىكا ئەكسىنمىف شىركىتى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ نىفىت شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىغا تېخى تەسىر كۆرسەتمىدى. 8-ۋە 9-ئاينىڭ باشلىرى كۆپلىگەن يېڭى تۈرلەر يولغا قويىلىدۇ.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خام نېفىت ئېكىسپورتى روسىيە دۆلەت كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. بۇ تارايسا روسىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن شۇم خەۋەر بولىدۇ.

 


روسىيە گۈللىنىش كاپىتال بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە ساھاسىدىكى جازاغا سېلىشتۇرغاندا ئېنىرگىيە ساھەسدىكى جازا ئېرانغا قارىتىلغان سىياسەتنى تەڭشەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.


غەربنىڭ جازالىشىغا قارىتا روسىيەمۇ قارشى تەدبىر قوللىنىشنى ئويلاشماقتا. تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، روسىيە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىساد گەۋدىلىرى بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، غەربنىڭ جازاسىنىڭ روسىيە ئىقتىسادىغا ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋىتىپتۇ.


باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، روسىيە تاشقى سودا بانكىسى مەبلەغ شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى: روسىيە مۇستەقىل ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭى بۇرغۇلاش ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا جەھەتتە غەربنىڭ نېفىت كارخانىلىرىغا تايىنىشتىن تامامەن قۇتلۇش يولىنى تاللايدۇ.

 

تۈنۈگۈن، ئۇكرائىنادىكى مۇساپىلار 2-تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش بويۇملىرى توشۇيدىغان روسىيە كالونىنىڭ ئىچۋارىنو چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۇكرائىناغا كىرگەنلىكىنى كۆردى.

 


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 12-سېنتەبىر روسىيە ئۇرائىنانىڭ شەرقىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىۋاتىدۇ دېگەن باھانە بىلەن روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە جازا يۈرگۈزۈشنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ 12-سېنتەبىر روسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى جاكارلىدى. يەنە شۇ كۈنى، روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشى روسىيە بىلەن يەنىمۇ دۈشمەنلىشىشى ھېسابلىنىدۇ، روسىيەمۇ ئۇلارنى ئۇزاق ساقلاتماي ئۆچ ئالىدۇ، دېدى.

 


ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 12-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقىمىز 12-سېنتەبىر روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا ئامانەت بانكىسىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىرگە روسىيەنىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى جازالاش دارىسىنى كېڭەيتتى ھەمدە روسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلىرىنى جازالىدى، دېدى.

 

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى جازا تەدبىرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئامېرىكا پۇقرالىرى، شىركەتلىرىنىڭ روسىيە تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن قىلغان سودا مۆھلىتىنىڭ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن قەرزى چەكلىنىدۇ؛ ياكى روسىيە ئامانەت بانكىسى، موسكىۋا بانكىسى، روسىيە يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىق ئالتە بانكا بىلەن قىلغان سودا مۆھلىتىنىڭ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن قەرزى چەكلىنىدۇ؛ ياكى روسىيە تەبىئىي گاز نېفىت شىركىتى، روسىيە نېفىت تۇربىسى، تىرانسپورت شىركىتى بىلەن قىلغان سودا مۆھلىتىنىڭ 90 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن قەرزى چەكلىنىدۇ؛ روسىيەنىڭ ئىگىلىكىدىكى 5 دۆلەت مۇداپىئە تېخىنىكىسى كارخانىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكى توڭلىتىلىدۇ؛ روسىيە تەبىئىي گاز پاي شىركىتى قاتارلىق 5 ئېنېرگىيە كارخانىسىغا چوڭقۇر دېڭىز، شىمالىي قۇتۇپتا نېفىت قېزىش ۋە سىلانېتىس گېزى قېزىش ۋە ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش چەكلىنىدۇ.

 


ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ روسىيەنى جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

 


12-سېنتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ روسىيەنى جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تەدبىرىدە روسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كاپىتال بازىرىغا كىرىش چەكلىمىسى كۈچەيتىلدى.
كونكرېت تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى شىركەتلىرى روسىيەدىكى ئاساسلىق 5 بانكىغا قەرز بەرمەيدۇ؛ روسىيەنىڭ 3 دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى ۋە 3 ئېنېرگىيە شىركىتىگە قەرز ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشى چەكلىنىدۇ؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى روسىيەنى چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت ئېچىش، شىمالىي قۇتۇپتا نېفىت تەكشۈرۈش، روسىيە سىلانېتىس مېيى تۈرىدە بۇرغىلاش، قۇدۇق سىناش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. جازالاش روسىيەگە ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان تېخنىكا ئېسكپورت قىلىشنى چەكلەشكىمۇ چېتىلدى، چېگراغا كىرىشنى چەكلەش تىزىملىكىدە 24 ئادەم كۆپەيتىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقدىكى مۈلۈكى توڭلىتىلدى.

 

 

پۇتىن جازالاش تىنچلىق مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى

 


ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازاسى توغرىسىدا روسىيەنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. روسىيە زۇڭتۇڭى 12-سېنتەبىر تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۇشەنبىدە مۇنداق دېدى: روسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى تىنچ يارىشىش يولىغا قەدەم قويغاندا روسىيەنى جازالىشى ئىنتايىن غەلىتە ئەھۋال، بۇ ئۇكرائىنا شەرقىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى بۇزىدۇ. ئۇكرائىنا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۇتقۇنغا ئوخشاپ قالدى.

 


12-سېنتەبىر روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەت جازا يۈرگۈزۈشى روسىيە بىلەن تېخىمۇ دۈشمەنلىشىش ھېسابلىنىدۇ، روسىيە ئۇلارنى ئۇزاق ساقلاتماي ئۆچ ئالىدۇ، دېدى.
روسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئۇلىكايېف مۇنداق دېدى: روسىيە دۆلەت بايلىقى فوندى ئارقىلىق جازاغا ئۇچرىغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدۇ. ئۇ يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئالاقە دۆلەت كېلىشمى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇكرئىنا ئالىي پارلامېنتى ئالاقە دۆلەت كېلىشمىنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى تەستىقلىسا، روسىيە كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولدىغان 1-نويابىردىن باشلاپ ئۇكرائىنادىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ.

 


ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ روسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتقان جازاسى تەدرىجىي ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەكتە. كەسپىي تەھلىلچىلەر قىسقا مۇددەتتىن ئېيتقاندا، جازالاش تەدبىرى-روسىيەنىڭ نېفىت، گاز كەسپىگە نۇرغۇن مۇقىمسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېيتقاندا، جازا پەيدا قىلغان مەبلەغ ۋە تېخنىكا يېتەرسىزلىكى-روسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتىنى ئازايتىپ، روسىيەنى نېفىتىنى ساتالماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى.

 


كەسپىي تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، غەربنىڭ جازاسى-روسىيە نېفىت، گاز كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە يېڭى تېخنىكىغا ئېرىشىش يوللىرىنى چەكلەپ قويغان، بۇ ئىككى نۇقتا خام نېفىت قېزىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

 


ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرى-روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت كارخانىلىرى بولغان روسىيە نېفىت شىركىتى، روسىيە نېفىت تۇرۇبىسى يەتكۈزۈش شىركىتى، روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى نېفىت شىركىتى قاتارلىق ئېنېرگىيە ماگناتلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتتى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى چوڭقۇر سۇ ئاستىدا نېفىت ئېچىش، شىمالىي قۇتۇپتا نېفىت قېدىرىش، روسىيە سلانېتس مېيى تۈرىگە بۇرغىلاش، سىناق قۇدۇقى ئېچىش، قۇدۇق ئۆلچەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلمايدۇ.

 


روسىيە مەبلەغ سېلىش قەھۋەخانىسى ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە تەھلىلچىسى گىرىگورى بىرىگ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى چەكلىمە-مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلاتنى ئازايتىۋېتىدۇ، بىراق بىزنىڭ دېگىنىمىز جازالاشنىڭ دەرھال تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە يىلدىن كېيىنكى ئەھۋال دېدى. بىرىگ مەھسۇلات ئازىيىپ كېتىشنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن، سىبىرىيەدىكى ئەنئەنىۋى نېفىتلىكلەرنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ نېفىت، گاز كارخانىلىرى تەمىنلىگەن زامانىۋى تېخنىكىغا تايىنىشىغا توغرا كېلىدۇ دېدى.

 

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 12-سېنتەبىر بىرلا ۋاقىتتا روسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا يەنىمۇ زەربە بېرىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە روسىيەگە داۋاملىق بېسىم قىلىش ئۈچۈن، روسىيەگە قارىتىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويدى. روسىيە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازاسىغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ قولىدا پايدىلانغۇدەك يەنە قانداق كوزىرلىرى بار؟

 


ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇندىن بۇرۇن ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە روسىيەگە كۆپ تۈرلۈك جازانى يولغا قويغان ئىدى، روسىيە بۇنىڭغا قارىتا 8-ئايدا جازالاشقا قارشى تەدبىر چىقىرىپ، نۇرغۇن غەرب ئەللىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە مېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىنچە ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تەدبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن يېمەكلىك كارخانىلىرىغا زەربە بولدى.

 


پۇتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جازا دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرگەنلىكى ھەققىدە 12-سېنتەبىر روسىيە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرىمىز ئۇزۇنغا قالمايدۇ دېدى.


پۇتىننىڭ ئىقتىساد ياردەمچىسى ئاندىرى بىروۋۇسوۋ 11-سېنتەبىر روسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكىدىن ئاپتوموبىل ۋە كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى مۇمكىن دېدى. يەنە بەزى خەۋەرگە قارىغاندا، روسىيە يەنە ياۋروپا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرنىڭ سىبىرىيە رايونىدىن ئۆتىدىغان ھاۋا يولىغا چەكلىمە قويۇش ياكى چەكلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

 


ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قىسىم روسىيە بانكىلىرى، نېفىت ۋە ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا كاپىتال بازارلىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويدى. روسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا بۇ كارخانىلارغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى.

 


روسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئالىكىس ئۇلىكايىف 12-سېنتەبىر روسىيە دۆلەت بايلىق فوندى ياكى كۈتۈنۈش فوندىنى ئىشقا سېلىپ، جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن، روسىيە ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى سىياسىتى ئارقىلىق، بىۋاسىتە خامچوت ياردىمى بېرىش، كۈتۈنۈش فوندى ياكى دۆلەت بايلىق فوندىنى ئىشلىتىش قاتارلىق باشقا مېخانىزملار بىلەن قوللاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ دېدى.

 

نۆۋەتتە، جازاغا ئۇچرىغان نۇرغۇن روسىيە شىركەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بولغان روسىيە نېفىت شىركىتى 8-ئايدا ھۆكۈمەتتىن 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نەقپۇل ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ جازاغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 


تاراتقۇلار غەرب ئەللىرىنىڭ جازا دەرىجىسى تەدرىجىي ئۆسۈۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا، نېفىت، گاز بايلىقى-روسىيەنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر كوزىر، قانداقلا بولمىسۇن، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېنېرگىيە جەھەتتە روسىيەدىن گاز ئىمپورت قىلىشقا بەكلا تايىنىدۇ دەپ قارىدى.

 


ھازىرقى باسقۇچتا، روسىيە پولشا، رۇمىنىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بولغان گاز تەمىناتىنى قىسىشقا باشلىدى. روسىيە 11-سېنتەبىر پولشا بىلەن سىلوۋاكىيەگە بولغان تەبىئىي گاز تەمىناتىنى ئايرىم-ئايرىم %24 ۋە %10 ئازايتتى، 12-سېنتەبىر يەنە رۇمىنىيەگە بولغان گاز تەمىناتىنى %5 ئازايتتى.

 


تەھلىلچىلەر ياۋروپا دۆلەتلىرى ناھايىتى تېزلا قىش پەسلىگە كىرىدۇ، ئەگەر روسىيە گاز تەمىناتىنى تېخىمۇ ئازايتىۋەتسە، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدى.

 



15-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek