خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمسى:
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنىس ئايرېسقا يېتىپ بېرىپ، ئاگېنتىناغا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1996-يىلىدىن بۇيانقى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئارگېنتىنانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
23-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ئوباما بىلەن ئارگېنتىنا پرېزىدېنتى ماكرى يېپىق يىغىن ئاچتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ بىردەك ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوبامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارگېنتىنا پرېزىدېنتى ماكرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 100 كۈندىن بۇيان ئارگېنتىنا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئارگېنتىنا رايونلۇق رەھبەرلىك رولىنى ئويناشقا تەييارلىنىپ بولدى دەپ قارايدىكەن.
ماكرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارگېنتىنا ئامېرىكا بىلەن ئەنئەنىۋى دوستانە مۇناسىۋىتىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى بىرلىكتە قېزىپ چىقىشنى، بىرلىكتە پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا يۈزلىنىشنى خالايدىكەن.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئەدلىيە ھەمكارلىقى، ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە زەھەر ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەردە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved