5- يانۋار سەھەر سائەت 7 ئەتراپىدا گۇاڭجۇ غول لىنىيىسى بېيتەيشىن لىنىيىسىدە تۇيۇقسىز يېرىق پەيدا بولۇپ، شۇ جايدا كېتىپ بارغا ئىككى پىكاپ يېرىققا قىسىلىپ قالدى. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، تەيشىن يولىنىڭ غەربتىن-شەرققىە كەتكەن يۆلىنىشىدە ئۇزۇنلىقى 50 مېتىر كېلىدىغان بىر يېرىق پەيدا بولغان بولۇپ، يېرىقنىڭ چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن 1.5 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، يېرىقنىڭ ئىككى يېقىنىڭ ئېگىز-پەسلىك پەرقى 5~60 سانتىمېتىرغىچە ئىكەن.
تەيشىن گۈللىكى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن خانىم ھەر كۈنى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بۇ يولدىن ئۆتىدىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندا بۇ جايغا سۇ يىغىلىپ قالىدىكەن. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئۇ پىكاۋىنى ھەيدەپ بۇ جايدىن ئۆتكەندە يول يۈزىگە قانچىلىق چوڭقۇرلۇقتا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالاھىتەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ماڭغان. تۇيۇقسىز پوڭ قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن پىكاۋى تىتىرەپ كەتكەن ۋە كېيىن ماڭالماي قالغان، ئۇ پىكاپتىن چۈشۈپ ئالدى چاقنىڭ يول يۈزىدىكى يېرىققا قىسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved