پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 2- فېۋرالدىكى ئۇچۇرى: ئامېرىكا «يالې يەر شارىلاشتۇرۇش» تور ژۇرنىلىدا 12- يانۋار «ئامېرىكا دۈشمەن دۆلەتلەر قوزغىغان ‹ئارىلاشما ئۇرۇش› قا دۇچ كەلمەكتە» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى ئامېرىكا خۇدسون تەتقىقات ئورنى سىياسەت ۋە ھەربىي ئىشلار ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رىچارد ۋېرتىز يازغان.
مۇنتىزىم ۋە ئىككىلەمچى مۇنتىزىم ۋاسىتىلەر ماسلاشتۇرۇلغان
جۇڭگو ۋە رۇسىيە ھەربىي ئىشلاردا كۈچلۈك دۆلەت. ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا يادرو قورالى، قۇدرەتلىك مۇنتىزىم كۈچ بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مول ئىككىلەمچى مۇنتىزىم، يۇشۇرۇن بايلىق بار. مەسىلەن كرېمىل سارىيى ئۇكرائىناغا ھەربىي دېيىشكە بولغۇدەك خادىملارنى ئەۋەتتى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ئوخشاش رەسمىي ھەربىي ئىتتىپاقى ۋە چەتئەلدە ھەربىي بازىسى يوق، ئەمما جۇڭگو ئىقتىساد ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئىمكانقەدەر بېيجىڭ بىلەن بىۋاسىتە قارشىلاشماس قىلىپ قويدى. بۇ دۆلەتلەر پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرۇپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشنى تاللىدى.
گەرچە رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جۇڭگوغا يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ھەر بىر جۇمھۇرىيەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، موسكۋا بۇ دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بېيجىڭ ۋە موسكۋا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن زىچ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە ھەۋەس قىلمايدىغان قىلىپ قويدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان قوشنا دۆلەتلەر بىر بولسا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بازىرىغا زىيادە تايىنىدۇ، بىر بولسا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى بار. ئەمما رۇسىيە ۋە جۇڭگومۇ ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماقتا؛ بۇنداق مۇھىت ئىچىدە، دۆلەتلەر ئارا تايىنىش قوشنا دۆلەتلەرنىمۇ باشقا ئىقتىسادىي شېرىكلەرنى تاللايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
جۇڭگو رۇسىيەگە قارىغاندا ئۇتۇق قازىنىش شارائىتى تېخىمۇ تولۇق
جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر روشەن پەرق بار: رۇسىيە غەرىزىنى قىلچە يوشۇرماستىن يېڭى زېمىن يۇتۇۋالدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ھەربىي ئىشلار ۋاكالەتچىسىنى يۆلىدى، پات- پات باشقا دۆلەتلەرگە ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالدا يادرو تەھدىتى سالدى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە رەھبەرلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئۇلار ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا ئەزا بولسا، ياكى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا، ئۇلارنىڭ مۇنتىزىم زەربە، ھەتتا يادرو زەربىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو بولسا سۆز- ھەرىكەتكە بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشكارا ھەربىي تەھدىت سالماستىن، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتى رايونلۇق بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزىدۇ، دەپ دارىتمىلاپ گەپ قىلدى. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدا، جۇڭگونىڭ پائالىيەت كۆلىمى بۇ رايوندىكى باشقا رەقىبلىرىدىن كۆپ، باشقا قوشنا دۆلەتلەر ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا بىر قەدەر مايىل. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئارال ئىگىلىۋالغان ھەمدە ھەربىي مۇئەسسەسە قۇرغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ جۇڭگونى بىر نېمە دېيىشى تەس.
كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، گەرچە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۇرىيەدىكى ھەرىكىتى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا جۇڭگونىڭ بىر يۈرۈش خەلقئارا ئىشلاردا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئارىلاشما تاكتىكا قوللىنالايدىغان شارائىتى رۇسىيەدىنمۇ كۆپ. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، كرېمىل سارىيى بىر قىسىم قىسقا مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ئىستراتېگىيەلىك يېتىم قالىدىغان ۋە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان قۇربانلىق بەردى. جۇڭگو بولسا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچى ئىزچىل ئاشماقتا، ئەتراپىدا جۇڭگونى چەكلىيەلەيدىغان بىرەر قۇدرەتلىك رايونلۇق بېرىكمە كۈچ شەكىللەنگىنى يوق.
بەش بۇرجەكلىك بىنا ھازىر بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاننى يولغا قويۇپ، يېڭى مۇداپىئەلىنىش سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ تەسىرىنى «تۈگەتمەكچى» بولدى، ئەمما جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ غەيرىي مۇنتىزىم رىقابىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئاستا بولماقتا. غەرب ئارىلاشما خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان ۋاسىتە تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم بېيجىڭ ۋە موسكۋا يولغا قويغان ئارىلاشما تاكتىكىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ئوخشىماسلىقىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ چىقىشى كېرەك. مەسىلەن، رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جازا ۋە جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرىتىش دېگەندەك. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما غەرب رۇسىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپ، جۇڭگو پەيدا قىلغان ئاۋارىچىلىقنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇشۇرۇن كۈچىگە سەل قاراپ قالسا بولمايدۇ، گەرچە جۇڭگودا ھازىرچە تېخى ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇش خاھىشى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ.
![]() |
ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.
7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved