ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەبلەغ سالغۇچلارنىڭ بازارغا قايتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىر ھەپتىدە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئۆستى، ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ يىللىق چۈشۈش چاستۇتىسى %10 تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق يەنىلا ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىللىق چۈشۈش چاستۇتىسى بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد بار.
سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 25- دېكابردىكى روژدىستىۋو بايرىمى مەزگىلدە چەتئەل بازارلىرى دەم ئالغانلىقتىن، نيۇيورك ئالتۇن بازىرىدا بايرام مەزگىلىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سودا كۈنىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى 1075.9 دوللار بولۇپ، نەق ئالتۇننىڭ باھاسى تۆت سودا كۈنىدە جەمئىي %1 ئۆسكەن. دۆلەت ئىچىدىكى خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىنىدىغان نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىر ھەپتە ئىچىدە %2 ئۆسۈپ، ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئالتۇن باھاسى ئەڭ كۆپ ئۆسكەن بىر ھەپتە بولۇپ قالغان.
يىل ئاخىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ يىللىق چۈشۈش چاستۇتىسىمۇ بارغانسېرى كىچىكلىگەن، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يىللىق چۈشۈش چاستۇتىسى %9.2 كە يەتكەن، دۆلەت ئىچى بازىرى شاڭخەي سودا ئورنىدىكى ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ يىللىق چۈشۈش چاستۇتىسى %6 كە تۆۋەنلەپ، ھەر گىرام ئالتۇننىڭ باھاسى 228 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، بۇ يىل يەنىلا ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چۈشۈش چاستۇتىسى بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد باركەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved