شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، رۇسىيە موسكىۋا، ئۆي-ماكانسىز قالغان رۇسىيىلىكلەر كوچىدا ياتماقتا. ئىگەللىنىلىشىچە، رۇسىيەدىكى ئىقتىسادىي < كىرىزىس> نىڭ تەسىرى كۈنسېرى روشەن ئىپادىلىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى نامراتلىق چېكىگە چۈشۈپ قالغان. رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىساد ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە رۇسىيەدە تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان بولۇپ، باشقا دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ سانى 60 مىڭغا يەتكەن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved