جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى زاۋېنتېم ئايرودرومى ۋە مېترو بېكىتىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېلگىيە پادىشاھىغا تەسەللىي بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۇتىن باياناتنامىسىدە يەنە بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھۇجۇم قىلغۇچىنىنىڭ قىلمىشىنى چېكىدىن ئاشقان جىنايەت، دېگەن.
كرېمل سارىيىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، پۇتىن يەنە بېلگىيەدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ ئىسپاتلىنىشىدا تېررورىزمنىڭ چىگرا چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ھەمدە پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن بېريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇقۇمىغا قارىتا بېلگىيە پادىشاھىغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا قاتىل ۋە قاتىلغا ياردەملەشكۈچىنىڭ جازالىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved