199IT تور بېتىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
Flurryنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن 6 يىلدا ئوتتۇرىچە ھەربىر iPhone ئابۇنتى appدە سەرپ قىلغان ۋاقتى Android ئابۇنتلىرىنىڭكىدىن خېلى كۆپ بولغان. لېكىن، 2014-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو بازىرىدا 23 مىڭ ئىختىيارىي ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە، شىياۋمى ئابۇنتلىرىنىڭ ئالما ۋە باشقا Android ئەسلىھەلىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئەگەر iPhoneنى ئۆلچەم قىلساق (%100)، ئۇنداقتا شىياۋمى ئابۇنتلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەپكە سەرپ قىلغان ۋاقتى ئالما ئابۇنتلىرىغا قارىغاندا %7 يۇقىرى بولغان. سامسۇڭ ۋە HTCئابۇنتلىرىنىڭ ئەپكە سەرپ قىلغان ۋاقتى iPhone ئابۇنتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %14 ۋە %27 ئاز.
Flurryنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەپ تۈرى جەھەتتە شىياۋمى ئابۇنتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مېدىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئەپلەرنىڭ سادىق ئابۇنتلىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قىممىتى %62 يۇقىرى چىققان.
قىزىقارلىق بولغىنى، گەرچە كۆچمە ئويۇن، ئىجتىمائىي مېدىيە ۋە ئالاقە تۈرىدىكى ئەپلەر بازاردا ناھايىتى ئاۋات بولسىمۇ، ئەمما شىياۋمى ئابۇنتلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئەپلەرگە ۋاقىت سەرپ قىلىشى باشقا ئەقلىي يانفونلارغا قارىغاندا كۆپ ئاز ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved